7- ئاينىڭ 28- كۈنىدىن باشلاپ G315 لىنىيەسىنىڭ بۇ يول بۆلىكىدە قوش يۆنىلىشتە يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ، ئايلىنىپ مېڭىشقا دىققەت قىلىڭ!
16:48:29 2024-07-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 7- ئاينىڭ 28- كۈنىدىن باشلاپ، G315 لىنىيەسىنىڭ ۋاششەرىدىن تاتىراڭغىچە بولغان يول بۆلىكىدە قوش يۆنىلىشتە يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ، بۇ يولدىن ئۆتىدىغان ئاپتوموبىللار ئايلىنىپ مېڭىشقا دىققەت قىلىڭ.

 ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتى يول تورىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش- بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىنىڭ ھەرىكەتچان يول ئەھۋالى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، G315 لىنىيەسى (شىنىڭ- تورغات تاشيولى)نىڭ 1653 كىلومېتىرلىق جايىدىن 1807 كىلومېتىرلىق جايى (ۋاششەرىدىن تاتىراڭغىچە)غىچە بولغان يول بۆلىكىدە كۆۋرۈكنى رېمونت قىلىش زۆرۈر بولۇپ قالغانلىقتىن، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن پىلان بويىچە 7- ئاينىڭ 28- كۈنى سائەت 10دىن باشلاپ، بۇ يول بۆلىكىدە قوش يۆنىلىشلىك يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش قىلىدىكەن.

 قۇرۇلۇش قىلىش مەزگىلىدە، چاقىلىق ناھىيەسىدىن چەرچەن ناھىيەسى يۆنىلىشىگە ماڭغان ئاپتوموبىللار كۆرسەتكۈچ تاختىسى بويىچە G0612 يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىن ئايلىنىپ مېڭىپ، تاتىراڭ ھەق ئېلىش پونكىتىغا كەلگەندە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن چىقسا بولىدىكەن؛ چەرچەن ناھىيەسىدىن چاقىلىق ناھىيەسى يۆنىلىشىگە ماڭغان ئاپتوموبىللار كۆرسەتكۈچ تاختىسى بويىچە G0612 يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىن ئايلىنىپ مېڭىپ، ۋاششەرى ھەق ئېلىش پونكىتىغا كەلگەندە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن چىقسا بولىدىكەن.

 قۇرۇلۇش قىلىنىدىغان يول بۆلىكىدە قاتناش 8- ئاينىڭ 9- كۈنى ئەسلىگە كېلىدىكەن.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125