قان شېكىرىنى ئۆلچەشتە نامسىز بارماقتىن قان ئېلىش كېرەك، بولمىسا توغرا ئۆلچىگىلى بولمامدۇ؟
16:02:55 2024-07-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

پىتنە- ئىغۋانىڭ مەزمۇنى: قان شېكىرىنى ئۆلچەش ئۈچۈن قان ئالغاندا چوقۇم ئالاھىدە بېكىتىلگەن بارماقتىن، ئەڭ ياخشىسى نامسىز بارماقتىن قان ئېلىش كېرەك، بولمىسا ئۆلچەش قىممىتىدە ناھايىتى چوڭ خاتالىق پەرقى كۆرۈلۈپ، قان شېكىرىنى ئۆلچەشكە تەسىر يېتىدۇ.

ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈش: نۆۋەتتە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشى شۇكى، ئون بارماقتىن قان ئېلىپ ئۆلچەنگەن قان شېكىرى قىممىتىدە پەرق يوق. بىراق، گەرچە سانلىق قىممەتتە پەرق بولمىسىمۇ، ئەمما كىلىنىكا دوختۇرلىرى يەنىلا ئاغرىقلارغا ئامال بار نامسىز بارماق، ئوتتۇرا بارماق ۋە چىمچىلاقتىن قان ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بۇ بارماقلارنىڭ ھەرىكىتى ئادەتتە بىر قەدەر ئاز، يۇقۇملىنىش نىسبىتى تۆۋەن، ئاغرىش تۇيغۇسى يېنىك بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئاسانلىقچە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قان شېكىرىنى ئۆلچەشتە چوقۇم قان شېكىرىنى ئۆلچەش ئەسۋابىنىڭ مەشغۇلات چۈشەندۈرۈشىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش كېرەك، بۇ، توغرا نەتىجىگە ئېرىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. توقۇلما ئارىلىق سۇيۇقلۇقىنىڭ قان ئەۋرىشكىسىگە ئارىلىشىپ قېلىپ نەتىجىگە تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قان ئېلىش ئورنىنى ھەرگىز كۈچەپ سىقماسلىق، زەخىملەنگەن، يۇقۇملانغان، تاتۇق قالغان ياكى ئەسۋە چىققان بارماقلاردىن قان ئالماسلىق، قان ئالغاندا چوقۇم بارماقنىڭ قۇرغاق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، بولمىسا نەتىجىسى توغرا بولمايدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125