7- ئاينىڭ 19- كۈنىدىن 24- كۈنىگىچە، شېنجېن شەھەرلىك كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ گومىڭ ۋە داڭلىق كۆز كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى ياۋ شياۋمىڭ باشچىلىقىدىكى داۋالاش ئەترىتى قەشقەر شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى ۋە قەشقەر ئەيئېر ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، «ياۋ شياۋمىڭ نۇر ھەرىكىتى . قەشقەر سەپىرى» ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي ۋە كۆزىگە ئاق چۈشكەن ئاغرىقتىن 200نى ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلدى.
ئارمىيەدىن چېكىنگەن 65 ياشلىق جياڭ بىنغا ياشىنىپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش دەپ دىياگنوز قويۇلغاچقا، ئوپېراتسىيە قىلىندى. ئۇ مۇنداق دېدى: كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش ئوپېراتسىيەسىنى ھەقسىز قوبۇل قىلىپ، ئىقتىسادىي بېسىمىم يېنىكلىدى، قىيىنچىلىقىم ھەل بولدى، خىزمەتچىلەرگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
جياڭ بىن بىلەن ئوخشاش كەچۈرمىشكە ئىگە بولغىنى يەنە ئارمىيەدىن چېكىنگەن 67 ياشلىق ھەربىي تاڭ جيۇدېمۇ كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش سەۋەبىدىن يەتكۈچە قىينالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن زاڭ سۈيپىڭ مۇنداق دېدى: شۇنچە ياخشى ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرىدىن بەھرىلەنگەنلىكىمىزگە كۆپ رەھمەت، شېنجېندىن شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن دوختۇرلارنىڭ داۋالاش تېخنىكىسى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، يەنە مېھرىبان ئىكەن.
قەشقەر شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ كۆز كېسەللىكلىرى داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، شېنجېن شەھەرلىك كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ كۆز كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى جاڭ جىڭ قەشقەردە بىر يىل تۇرۇپ، قەشقەر شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرىغا ياردەم بېرىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ كەسپىي تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى قارار قىلدى.
قەشقەر شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى دۇڭچىڭ دوختۇرخانىسى كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى شيې يىدۇڭ مۇنداق دېدى: شېنجېندىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان دوختۇرلارنىڭ كېلىشى ئاغرىقلارنى يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە دوختۇرخانىمىزنىڭ كۆز كېسەللىكلىرى تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشىدە ناھايىتى زور رول ئوينىدى.
ئىگىلىنىشىچە، «ياۋ شياۋمىڭ نۇر ھەرىكىتى . قەشقەر سەپىرى» ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيىتى بۇ يىل 9-ئايغىچە داۋاملىشىپ، كۆزىگە ئاق چۈشكەن يەنە 100 ئاغرىق ئوپېراتسىيە قىلىنىپ، غەمخورلۇق يەتكۈزۈلىدىكەن.
(قەشقەر شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى قەدرىيە، گو شىڭۋېن)