قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ئويۇن قويۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش مۇلازىمەت تۈرىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يېڭىچە ئويۇن قويۇش شەكلى ئارقىلىق قەدىمىي شەھەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان كۆرۈش سېزىمى ۋە قەلب تۇيغۇسى قوش زىياپىتى بەردى.
ئىگىلىنىشىچە، ئويۇن قويۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش مۇلازىمەت تۈرىدە قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئاساسەن، قەدىمىي شەھەرگە كىرىش مۇراسىمىنىڭ ئويۇن مەزمۇنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلانغان ۋە لايىھەلەنگەن بولۇپ، «تارىخىي داڭلىق شەھەر، مەدەنىيەتنى يۇغۇرۇش، ئەقىل- پاراسەت ۋە يۇمۇر، قەدىمىي شەھەرگە مېھمان كەلدى»دىن ئىبارەت تۆت قىسىمغا بۆلۈنۈپ، ياندىن بايان قىلىش، دىيالوگ، ئۇسسۇل، سېرك قاتارلىق سەنئەت ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ تارىخىي قىياپىتى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدىلەشكەن مەدەنىيەت مەزمۇنى نامايان قىلىنغان.
جۇڭگو ساياھەت گۇرۇھى تيەنچۇاڭ خەلقئارا ئويۇن قويۇش ئالماشتۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى چېن چىجى مۇنداق دېدى: قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە كىرىش مۇراسىمىنىڭ 1- بۆلىكىدە، ئاساسلىقى، قەشقەرنىڭ ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيىتى بايان قىلىنغان، 2- بۆلىكىدە، ئاساسلىقى، قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ ئاۋات مەنزىرىسى نامايان قىلىنغان، 3- بۆلەكتە بەزى مەنزىرە ئويۇنلىرى ئارقىلىق قەشقەرلىكلەرنىڭ يۇمۇرىستىك، قىزغىن، مېھماندوستلۇقى نامايان قىلىنغان، 4- بۆلەكتە قەشقەرلىكلەرنىڭ يېڭى دەۋردىكى روھى قىياپىتى نامايان قىلىنغان.
بۇنىڭدىن باشقا، قەدىمىي شەھەرنىڭ ئويۇن قويۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش مۇلازىمەت تۈرى يەنە گېڭگۇڭ ئىبادەتخانىسى، تۆمۈرچىلىك كارخانىسى، دورىلىق چاي بازىرى، خام بازىرى، ئاسار- ئەتىقە كوچىسى، 100 يىللىق ساماۋارخانا، ئەتلەس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى قاتارلىق نۇقتىلاردا ئوخشىمىغان ۋاقىتتا ئويۇن قويۇش ھەمدە قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىنىڭ ئاساسلىق كوچىلىرىدا سەييارە ئويۇن قويۇش ئارقىلىق، ئۆزگىچە جەلپكارلىققا ئىگە قەدىمىي شەھەرنىڭ سەنئەت ماركىسىنى ياراتتى.
قەشقەر كوزىچى ياربېشى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى ياڭ لىڭ مۇنداق دېدى: قەدىمىي شەھەرگە كىرىش مۇراسىمىنىڭ ئويۇن قويۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرىگە شەھەرلىك ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكى ۋە قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدىن 100گە يېقىن ئارتىس قاتناشتى ھەمدە بېيجىڭدىكى داڭلىق كىيىم- كېچەك لايىھەلىگۈچىلەر تەكلىپ قىلىنىپ، سەھنە كىيىملىرى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلىنىپ، ئويۇن ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، شۇنداقلا ئويۇن نومۇرلىرى ۋە مۇزىكىلار ماسلاشتۇرۇلۇپ، قەشقەرنىڭ ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلدى.
(قەشقەر شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ئەلفىرە، نۇرمەمەت)