جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
20:27:46 2024-07-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

 كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى 

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 25- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 7- ئاينىڭ 25- كۈنى يىغىن ئېچىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل دۆلىتىمىزنىڭ كىلىمات ئەھۋالى نىسبەتەن ناچار بولۇپ، قاتتىق يامغۇر يېغىشنىڭ جەريانى كۆپ، ۋاقتى ئۇزاق بولدى، دەريا- ئېقىنلاردا كەلكۈن بالدۇر كېلىپ، تېز ئەۋج ئالدى، بەزى جايلار قايتا- قايتا قاتتىق يامغۇرنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش ۋەزىيىتى كەسكىن، مۇرەككەپ بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن تاقابىل تۇردى، دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئورتاق كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلاشتى، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم، دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش قوشۇنى ۋە تۈرلۈك كەسپىي قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش كۈچلىرى بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، ئاتاكىدا ئالدىدا ماڭدى، كەڭ كادىرلار، ئامما جاپا- مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ماكانىنى قوغداشنىڭ مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا مۇھىم باسقۇچلۇق نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھازىر دۆلىتىمىز دەل 7- ئاينىڭ ئاخىرى، 8- ئاينىڭ بېشىدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، چاڭجياڭ دەرياسى قاتارلىق ۋادىلاردا كەلكۈن پەللىسىدىن مۇداپىئەلىنىش، توسما يار ئېلىپ كېتىشتىن مۇداپىئەلىنىش، ھۆلچىلىكنى تۈگىتىش بېسىمى كېمەيمىدى، خۇاڭخې دەرياسى، خۇەيخې دەرياسى، خەيخې دەرياسى، سۇڭلياۋ ۋادىسىدا بىرقەدەر ئېغىر كەلكۈن ئەھۋالى يۈزبېرىشى مۇمكىن، بۇنىڭغا تەيفېڭ بورىنىنىڭ جانلىنىش مەزگىلىگە كىرگەنلىكى گىرەلىشىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋەزىيىتى تېخىمۇ كەسكىن، مۇرەككەپ بولىدۇ. ھەرقايسى ئالاقىدار رايونلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلار كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن- ئاخىر چىڭىتىپ، خىزمەتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى باشتىن- ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، كۆزىتىش- ئۆلچەش ۋاسىتىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالدىن سىگنال بېرىشنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇشتا ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئىنكاس قايتۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، مۇداپىئە كۆرۈش مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاخىرقى ئۇچىغا چىڭ قادىلىپ، خەتەرلىك رايوندىكى ئاممىنى ئالدىن كەسكىن يۆتكەپ، ئادەم ئۆلۈش- يارىلىنىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك. مۇھىم توسما، سۇ ئامبارلىرى ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە چارلاپ تەكشۈرۈش، مۇداپىئە كۆرۈش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاجىز توسما بۆلىكى، خەتەرلىك قۇرۇلۇش، خەتەرلىك بۆلەك، خەۋپ- خەتەر ساقلانغان سۇ ئامبارلىرىدا نۇقتىلىق مۇداپىئە كۆرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەتەرنى تەكشۈرۈش، خەتەرنى تۈگىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، چوڭ دەريا، چوڭ ئېقىنلاردىكى توسمىلارنىڭ يار ئېلىپ كېتىشى، چوڭ تىپتىكى ۋە نۇقتىلىق ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئامبارلىرىدا توسمىنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشىدىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەلكۈن قاچىلاش رايونىدىن پايدىلىنىش تەييارلىقىنى ئىنچىكە ئىشلەش كېرەك. جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش، تاشيول، تۆمۈريول قاتارلىق مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەر ھەمدە شەھەر يەر ئاستى بوشلۇقى، كۆۋرۈك، سۈڭگۈچ، تونېل قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلارغا قارىتا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەۋپ- خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرما قىلىش ۋە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئازادلىق ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىم، ئوت ئۆچۈرۈش، مەركەز كارخانىلىرى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەر جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ھالىتىنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشقا بويسۇنۇپ، تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى ۋاقتىدا ئاجرىتىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ۋاقتىدا يۆتكەپ توشۇپ، سۇغۇرتا تۆلىمى بېرىشنى تېزلىتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش باشلاش قاتارلىق ئېھتىياجلىرىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. سۇچىلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، قاتناش، خەۋەرلىشىش قاتارلىق زىيانغا ئۇچرىغان ئۇل ئەسلىھەلەرنى جىددىي رېمونت قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يۇرت- ماكانىنى قايتا قۇرۇشقا تەشكىللەش، يېتەكلەش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىدە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى زىياننى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاپەتكە ئۇچرىغان قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ياردەم بېرىپ، ئاپەت سەۋەبىدىن نامراتلىشىش، قايتا نامراتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەھەرلەرنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ھۆلچىلىكنى تۈگىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەۋپ- خەتەر ساقلانغان سۇ ئامبارلىرى، ئوتتۇرا، كىچىك دەريا توسمىلىرى، كەلكۈن قاچىلاش رايونلىرى قاتارلىق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشلىرى ۋە ئېتىزلاردا ھۆللۈكنى تۈگىتىشتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، تەبىئىي ئاپەت ئۇنىۋېرسال خەۋپ- خەتىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئاساسى ۋە كۈچىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر تەرەپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىر تەرەپنىڭ تىنچ- ئامانلىقىنى قوغداش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىشى، دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىشى، ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەر زىچ ماسلىشىپ، بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار جەڭگىۋار قورغانلىق ۋە ئاۋانگارت، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

 يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125