ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ 440 مىليارد يۈەندىن ئاشتى
10:01:31 2024-07-27 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى مۇخبىر خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئىجرا قىلغان سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى 2790، رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىپ نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ 449 مىليارد 257 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.93 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، شىمالىي شىنجاڭ رايونى رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىپ نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ 272 مىليارد 737 مىليون يۈەن بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %60.71ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.45 ئاشقان.

 رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ ئومۇمىي مىقدارى جەھەتتە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغىنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بولۇپ، نەقلەشتۈرگەن مەبلىغى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 72 مىليارد 790 مىليون يۈەن، 71 مىليارد 843 مىليون يۈەن، 67 مىليارد 193 مىليون يۈەن بولغان. ئېشىش سۈرئىتىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغىنى قاراماي شەھىرى، سانجى ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى بولۇپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.13 ،%21.33، %14.91 ئاشقان.

 شىنجاڭ دىققەتنى كەسىپلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا سودىگەر چاقىردى. ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرى خەرىتىسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئۆز كەسىپ تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۆز كەسپىگە سودىگەر چاقىرىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشى، كېڭىشىشىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىدىكى ئۈزۈك نۇقتىلارغا قارىتا زەنجىرنى تولۇقلاپ، دەل جايىدا سودىگەر چاقىرىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شىنجاڭدا يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىندىكى زىچ ھەمكارلىشىپ يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنىڭ شەكىللىنىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭ بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنغان «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» تۈرى 1835، رايون سىرتىدىن كىرگۈزۈلۈپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 358 مىليارد 984 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.51 ئاشتى.

 بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پائال قوللىنىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە داڭلىق ماركا پائالىيەتلىرىنى بەرپا قىلىپ، كۆپ مەيدان كەسىپ ھەمكارلىقى بويىچە تونۇشتۇرۇش، ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى سودىگەر چاقىرىش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى لىن يىفېڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى داۋاملىق تۈردە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاش- ماسلاشتۇرۇش، يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈر زاپىسىنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنى پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125