ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان ۋەكىللەر سۆھبەت يىغىنى ئاچتى
10:05:54 2024-07-27 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ۋەكىللەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە كۈچ قوشۇش كېرەك

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ لېي) 7- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12- قېتىملىق يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان ۋەكىللەر سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە كۈچ قوشۇش توغرىسىدا پىكىر- تەكلىپلەر ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

 «پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش» «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈش» «مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، ۋەكىللەر خىزمىتى بىلەن ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش»... يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئون ۋەكىلى يىغىن باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى؛ سىرتتىن قاتناشقان ئون ۋەكىل يازما پىكىر ئالماشتۇردى. زۇمرەت ئوبۇل كۆپچىلىكنىڭ پىكىر- تەكلىپلىرىنىڭ ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىنىپ، پائال قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ياكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ بېجىرىشىگە ۋاقتىدا يوللاپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. ئومۇمىي يىغىن قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان «قارار»دا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانى ئىلمىي تۈزۈپ چىقىلدى، بۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇھىم ئىش قىلىپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش، چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئومۇمىي يىغىن روھىغا تېخىمۇ ياخشى بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك.

 زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئومۇمىي يىغىن روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۈزلۈكسىز تۈردە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى پائال زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ ياخشى تەشۋىقاتچىسى بولۇپ، جانلىق مىساللار، تەپسىلىي ۋە ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار، بەختلىك تۇرمۇش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا ئومۇمىي يىغىن روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلىشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك.

 زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كەڭ دائىرىدە خەلق رايىنى قوبۇل قىلىپ، خەلقنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، خەلقنىڭ ساداسىغا جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دېموكراتىك خەلق رايىنى ئىپادىلەش سۇپىسى ۋە ۋاسىتىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

 لى نىڭپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125