پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتىمىز
10:29:07 2024-07-27 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− شىنجاڭدىكى ھەر ساھەدىكىلەر پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

 پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى − يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى.

 پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى- پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.

 كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئومۇمىي يىغىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق ئىسلاھاتقا دائىر تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلارنى پۇختا، جايىدا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى جۇشقۇن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز ۋە شەكىللەندۈرىمىز.

 ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان «قارار»دا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتى مەخسۇس بىر بۆلەك قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ ئالغا سىلجىتىشتىكى قەتئىيلىك ۋە سەگەكلىكنى تولۇق نامايان قىلدى.

 «ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي چىڭ تۇتۇش كېرەك.» ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ليۇ بىڭچىڭ مۇنداق بىلدۈردى: كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نىشان- مەسئۇلىيەت بويىچە باھالاش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى، ئىقتىدار قۇرۇلمىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرىمىز؛ باھالاش نەتىجىسىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش، ھەم چىقالايدىغان، ھەم چۈشەلەيدىغان بولۇش قاتارلىقلار بىلەن تېخىمۇ زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق كىشىلەرنى ياخشى باشقۇرۇش، ئاچقۇچلۇق جايلارغىچە باشقۇرۇش، ئاچقۇچلۇق ئىشلارنى باشقۇرۇش، ئاچقۇچلۇق پەيتلەردە باشقۇرۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىمىز؛ بۆلۈم دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە بېرىپ ئەگىشىپ ئۆگىنىش، چېنىقىشقا سىجىل تاللاپ ئەۋەتىپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز؛ غايە- ئېتىقاد، ئىنقىلابىي ئەنئەنە قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەربىيەنى سىستېمىلىق قانات يايدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى خەلققە بەخت يارىتىشنى نىشان قىلغان سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەيمىز؛ ئىككى يېڭى تەشكىلاتتا «پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى يېتىلدۈرۈش بويىچە ئۈچ يىللىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش» پىلانى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «ئۈچتە پارتىيە ئەزالىرى بار بولغان» ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنىڭ پارتىيە تەشكىلاتى بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرىمىز.

 تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا جەزمەن ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم پىرىنسىپ.

 ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى سىياسەت، قانۇن- نىزام تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ چاڭجۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە نىزام- تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تاكامۇللاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت تۈرلۈك نازارەتچىلىك»نى بىرتۇتاش پىلانلاپ جىپسىلاشتۇرۇشنى دائىملاشتۇرۇش ۋە تۈزۈملەشتۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، «گۇرۇپپا بىلەن گۇرۇپپا» ماسلىشىپ نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئىشخانا بىلەن گۇرۇپپا» ھەمتۈرتكە بولۇپ نازارەت قىلىش، «ئىشخانا، گۇرۇپپا، يەرلىك» بىرلىشىپ دېلو بېجىرىش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، ئىنتىزام ئىجراسى، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز.

 «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا يولغا قويۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى كونكرېت تەدبىرگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.» سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ تىڭرېن مۇنداق بىلدۈردى: خەلقنى مەركەز قىلغان ئىسلاھات قىممەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەپ، ئىسلاھات نەتىجىلىرىدىن خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.

 كەلپىن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى كۇڭ ۋېيشيۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بىز پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم پىرىنسىپنى پۇختا، ياخشى ئىگىلەپ، قەتئىي تۈردە ئىسلاھاتتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، تىرىشىپ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن، ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەردىن بولىمىز. دىققەتنى تۆگىچىلىكنى ئاساس قىلغان خەلقنى بېيىتىش كەسپى قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى رەتلەپ، نىشانلىق، دەل جايىدا كۈچەپ، ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ چىڭ تۇتىمىز.

 پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈش − ھەم يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنىڭ يەكۈنى، ھەم يېڭى مۇساپىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قويۇلغان ئېنىق تەلەپ.

 جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبىسى شۆبە پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئاكادېمىيە باشلىقى شياۋ ۋېنجياۋ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئىسلاھاتنىڭ ئومۇمىي جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پەن- تېخنىكا يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلەشنى تېزلىتىپ، مەملىكەتلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانا قاتارلىق مۇھىم يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۆتكەش، ئايلاندۇرۇش بىلەن پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى جەلپ قىلىش- يېتىشتۈرۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پەن- تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەيمىز.

 قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئەركەشتام پورتىدىكى تۇنجى چەت ئەل پۇلىنى ۋاكالىتەن ئالماشتۇرۇش نۇقتىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان، يېزىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك مالىيە ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتى تېز ئەمەلىيلەشتى، زور بىر تۈركۈم چوڭ- چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرى ئەۋجىگە چىقماقتا. قىزىلسۇ ئوبلاستلىق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر سۇڭ جې مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەزىپىنامىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ چىقىپ، ئالدىن يولغا قويۇش تەرتىپىنى ياخشى تىزىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش نىشان- ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

 (مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ لېي، جاڭ جىلى، جاڭ تىڭ، شيې خۇيبيەن، سۇڭ ۋېيگو، ئىختىيارىي مۇخبىرلار شۈ پەن، بەي يۈلۇڭ)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125