شىنجاڭنىڭ پەن- تېخنىكا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاڭلىقلىق ۋە قەتئىيلىكنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى پەن- مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش، تۈرتكە بولۇش كېرەك
19:02:44 2024-07-27 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پەن- تېخنىكا كومىتېتىنىڭ 1- قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

شىنجاڭنىڭ پەن- تېخنىكا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاڭلىقلىق ۋە قەتئىيلىكنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى پەن- مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش، تۈرتكە بولۇش كېرەك 

ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پەن- تېخنىكا كومىتېتى 7- ئاينىڭ 25- كۈنى 1- قېتىملىق يىغىن ئاچتى، يىغىندا پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى، بولۇپمۇ مەملىكەتلىك پەن- تېخنىكا يىغىنى، دۆلەت پەن- تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە نۇقتىلىق خىزمەتلىرى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پەن- تېخنىكا كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن- تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېھتىياجىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئىسلاھات چارىسىدىن پايدىلىنىپ پەن- تېخنىكا خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پەن- تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ شىنجاڭ كۈچىنى قوشۇش كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى.

 يىغىندا «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پەن- تېخنىكا كومىتېتىنىڭ خىزمەت قائىدىسى» «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پەن- تېخنىكا كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ خىزمەت تەپسىلىي قائىدىسى» مۇھاكىمە قىلىندى، قاراپ چىقىلدى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، 2023- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ پەن- تېخنىكا مۇكاپاتىنى باھالاش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

 ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى يادرولۇق ئورۇنغا قويۇپ، دۆلىتىمىز پەن- تېخنىكا ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك پەن- تېخنىكا يىغىنى، دۆلەت پەن- تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردە پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشنى قوللايدىغان تۈزۈلمە- مېخانىزم بەرپا قىلىش، پەن- تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پەن- تېخنىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك باشلامچىلىق ئورنى ۋە تۈپ تىرەكلىك رولىنى تولۇق تونۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ پەن- تېخنىكا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاڭلىقلىق ۋە قەتئىيلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «قانچىكى تەرەققىي قىلمىغان رايونلار يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا شۇنچە ئېھتىياجلىق بولىدۇ» دېگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى پەن- مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشنى قوللايدىغان تۈزۈلمە- مېخانىزم بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك. دىققەتنى رايون پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى بەرپا قىلىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئاپپاراتى قۇرۇشنى تېزلىتىشىنى قوللاپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، رايوننىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك. دىققەتنى پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، بىر تۈركۈم چوڭ- چوڭ پەن- تېخنىكا تۈرلىرىنى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، بىرلىشىپ پەن- تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. دىققەتنى پەن- تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىختىساسلىقلارنى، ئاقىللارنى كىرگۈزۈش سالمىقىنى زورايتىپ، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ساپاسى ياخشى بولغان ئىجادچان ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك. دىققەتنى يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئىشلىرى تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلىجىتىپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن بولغان تۈزۈلمە- مېخانىزم ۋە ياخشى مۇھىت شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. دىققەتنى يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن- تېخنىكا بويىچە ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنى كېڭەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى» «شىنجاڭغا پەن- تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش» مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم، مەركەز ئورۇنلىرى بىلەن جايلارنىڭ پەن- تېخنىكا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەن- تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئەۋزەل يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى توپلاش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ پەن- تېخنىكا ئىشلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پەن- تېخنىكا كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش پىلانلاپ ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇش رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان تەدبىر بەلگىلەش قوماندانلىق سىستېمىسى ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار پەن- تېخنىكا يېڭى بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پەن- تېخنىكا خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە تۈرتكە بولۇش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

 تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، چېن مىڭگو، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پەن- تېخنىكا كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125