5- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا بىرىكمە ماتېرىيال پەن- تېخنىكىسى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى
19:15:29 2024-07-27 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

5- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا بىرىكمە ماتېرىيال پەن- تېخنىكىسى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى

ما شىڭرۇي ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى  ئەركىن تۇنىياز، يۈ جيەنيۇڭ سۆز قىلدى

  ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ) 7- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 5- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا بىرىكمە ماتېرىيال پەن- تېخنىكىسى يىغىنى (5—CCCM) ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، جۇڭگو بىرىكمە ماتېرىيال ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش باشلىقى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى يۈ جيەنيۇڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

 ئەركىن تۇنىياز سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى ماتېرىيال كەسپى ئىستراتېگىيەلىك، ئۇللۇق كەسىپ، شۇنداقلا يۇقىرى تېخنىكا رىقابىتىدىكى ئاچقۇچلۇق ساھە. شىنجاڭ دۆلەت ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزگىچە بايلىق، رايون ئورنى، سىياسەت ئەۋزەللىكىگە ئىگە. شىنجاڭ «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى»نى چىڭ كۆزلەپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر توپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان، ئاليومىننى ئاساس قىلغان، مىسنى ئاساس قىلغان، تىتاننى ئاساس قىلغان، كاربوننى ئاساس قىلغان ماتېرىيال قاتارلىق يېڭى ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ ئىشلەپچىقىرىش، پەن- تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە نەتىجىگە ئېرىشتى. ھازىر، شىنجاڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق تۈگۈنىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بىز پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ماتېرىيال ئاساسلىق تۈرلىرى ۋە نۇقتىلىق كەسىپلەر توپلاشقان رايونلارنى قاپلىغان پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تېز بەرپا قىلىمىز. يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسى مېخانىزمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پەن- تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ساھەلەردىكى ئاكادېمىك- مۇتەخەسسىسلەرنىڭ شىنجاڭدىكى پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، يەرلىك كارخانىلار بىلەن چوڭقۇر ھەمكارلىشىشىغا مەدەت بېرىمىز. بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ماتېرىيال كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

 يۈ جيەنيۇڭ سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: بىرىكمە ماتېرىيال ئۇيغۇنلىشىشچانلىقى كەڭ، ئىشەنچلىكلىكى يۇقىرى، لايىھەلىنىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇش قاتارلىق نۇرغۇن ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى ۋە دۆلەت مۇداپىئە جابدۇقلىرى، يېڭى ئېنېرگىيە، پاراخوت ۋە دېڭىز- ئوكيان قۇرۇلۇشى، زامانىۋى قاتناش، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى، توپا- تاش قۇرۇلۇشى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلىپ، كەسىپ ئۆزگىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان «باشلامچى»غا ئايلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۈتمەس- تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇپ، بۇ يەردە يىغىن ئېچىش بىرىكمە ماتېرىيال ئىلمى ئۇل پەن تەتقىقاتى ھەم ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلار ئۈستىدە ھەر تەرەپلىمە پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئۇنى نامايان قىلىش ئۈچۈن سۇپا ھازىرلاپ بەردى، بۇ، ئالدىنقى قاتاردىكى پەن- تېخنىكا بىلەن يەرلىك ئىقتىسادنىڭ زىچ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. كۆپچىلىكنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىننى پۇرسەت بىلىپ، تېخنىكا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بىرىكمە ماتېرىيال پەن- تېخنىكا ساھەسىدە ئاچقۇچلۇق ئورتاق خۇسۇسىيەتلىك تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئالدىنقى قاتاردىكى يېتەكچى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، زامانىۋى قۇرۇلۇش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئاغدۇرۇش خاراكتېرلىك تېخنىكىلاردا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 جۇڭگو بىرىكمە ماتېرىيال ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي كېڭەش باشلىقى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى دۇ شەنيى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. جۇڭگو بىرىكمە ماتېرىيال ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باش نازارەتچىسى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى خې شياۋدۇڭ، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، دۇڭخۇا داشۆنىڭ پىروفېسسورى سۈن يىزې، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، شاڭخەي قاتناش داشۆسى مېتال ئاساسىدىكى بىرىكمە ماتېرىيال دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ دى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو سودا ئايروپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش ئالىمى ۋۇ گۇاڭخۇي دوكلات بەردى.

 خوۋ شياۋ، ۋاڭ يۈجۇڭ، جاڭ ليەنمېڭ، گۇڭ شېڭكەي، لى خېجۈن، دۇڭ شاۋمىڭ، دىڭ ۋېنجياڭ، خۇاڭ چىڭشۆ، لېڭ جىنسۇڭ، ۋاڭ گوچىڭ، سۈن شۆلياڭ، شىن ۋەنچىڭ قاتارلىق ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلىرى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئىلىم ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

 جۇڭگو خەلقئارا بىرىكمە ماتېرىيال پەن- تېخنىكا يىغىنى (CCCM) دۆلەت ئىچى بىرىكمە ماتېرىيال ساھەسىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئىلىم ئالماشتۇرۇش ۋە پەن- تېخنىكا كېڭەيتىش يىغىنى بولۇپ، بىرىكمە ماتېرىيال ئىلمى ھەم كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئەھۋالى، يۇقىرى پەللىسى ھەم يۈزلىنىشىنى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىپ، بىرىكمە ماتېرىيال ئەڭ يېڭى تېخنىكىسى ۋە قوللىنىشچان نەتىجىسى قاتارلىقلارنى نامايان قىلىدۇ.

 چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، شۆ بىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ، كارخانا ۋەكىللىرى قاتارلىقلار باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125