پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ تۇنجى مەيدان دوكلات بېرىش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
19:45:06 2024-07-27 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 26- كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمەت كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى 7- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ تۇنجى مەيدان دوكلات بېرىش يىغىنىنى ئۆتكۈزدى. مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى مۇ خۇڭ لېكسىيە دوكلاتى بەردى.

 مۇ خۇڭ دوكلاتىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە ئومۇمىي يىغىن «قارارى»نى زىچ چۆرىدەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى، تارىخىي ئورنى ۋە بۇرچ- ۋەزىپىسىنى چۈشەندۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، باش نىشانى ۋە مۇھىم پىرىنسىپىنى چۈشەندۈرۈپ، «قارار»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى نۇقتىلىق چۈشەندۈردى ھەم ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى ۋە ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى تونۇشى ۋە تەسىراتىنى سۆزلىدى.

 دوكلات چوڭقۇر، ئەتراپلىق، مول مەزمۇنلۇق بولۇپ، تىپىك مىساللار، تەپسىلىي ۋە ئېنىق سانلىق مەلۇماتلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ چۈشەندۈرۈلۈپ، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ياردەم بەردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەلب ۋە كۈچىمىزنى مۇجەسسەملەپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرىمىز.

 بېيجىڭدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ئورگانلىرىدىكى كادىرلار، مەركەز كارخانىلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى، نەزەرىيە خىزمەتچىلىرى ۋە ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 700 كىشى قاتناشتى.

 ئىگىلىنىشىچە، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى بېيجىڭدا تۇنجى مەيدان دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، يېقىندا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلەيدىكەن.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125