شىنخۇا ئاگېنتلىقى، پارىژ، 7- ئاينىڭ 27- كۈنى تېلېگراممىسى 7- ئاينىڭ 27- كۈنى، ياڭ جۈنشۈەن، چېڭ يۈجيې، جاڭ يۈفېي، ۋۇ چىڭفېڭلاردىن تەشكىللەنگەن جۇڭگو كوماندىسى پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار 4X100 مېتىرغا كۈچ ئۇلاپ ئەركىن ئۈزۈش تۈرىدە مىس مېدالغا ئېرىشتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاسىيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.
بۇ، جۇڭگو سۇ ئۈزۈش كوماندىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار 4X100 مېتىرغا كۈچ ئۇلاپ ئەركىن ئۈزۈش تۈرىدە مېدالغا ئېرىشىشى بولۇپ، 3 مىنۇت 30 سېكۇنت 30 دەقىقىلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە نەتىجىسى بىلەن ئاسىيا رېكورتىنى يېڭىلىدى.
7- ئاينىڭ 27- كۈنى، جۇڭگو كوماندىسى ماھىرلىرىدىن ياڭ جۈنشۈەن، چېڭ يۈجيې، جاڭ يۈفېي، ۋۇ چىڭفېڭ (سولدىن ئوڭغا) مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا بىللە سۈرەتكە چۈشمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۆ يۈگې فوتوسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)