مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسى ئۆتكۈزدى
10:44:09 2024-07-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 26- كۈنى تېلېگراممىسى 7- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن 26- كۈنىگىچە، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى بېيجىڭدا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈملىرى، لېكسىيە ئۆمەكلىرى پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسى ئۆتكۈزۈپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يەرلىك لېكسىيە سۆزلەش تايانچلىرىنى تەربىيەلەپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاساسىي قاتلام لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

 كۇرسقا قاتناشقان يولداشلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى سەپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى ھەمدە ئومۇمىي يىغىن روھىنى تەتقىق قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى ياخشى ئىشلەش، ئاساسىي قاتلام نەزەرىيە لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ باردى، پىكىر ئالماشتۇردى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى»دا، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەجرىبىلىرى يەكۈنلىنىپ، تەدبىقلىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە دۇچ كەلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ئىلمىي پىلانلاندى، بۇ، پارتىيە تارىخىدىكى يەنە بىر مۇھىم پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.

 كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى، شۇنداقلا تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىدىكىلەر جەزمەن ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت. ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەپ كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئومۇمىي يىغىن «قارارى»نى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، ئەينەن ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى تىرىشىپ ئىگىلەيمىز. قاراتمىلىق، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىق تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆز جايىمىزدىكى سىياسىي ساپاسى ياخشى، نەزەرىيە سەۋىيەسى يۇقىرى، لېكسىيە سۆزلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك قابىل كۈچلەرنى كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەن ئوبيېكتلاشقان، قاتلاملىق، ھەمتۈرتكىلەشكەن لېكسىيە سۆزلەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىمىز. لېكسىيە سۆزلەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، پۈتۈن تاراتقۇلاردا تارقىتىشتىن تولۇق پايدىلىنىپ، تۈرلۈك يېڭى تاراتقۇ سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، لېكسىيە سۆزلەشنىڭ قاپلاش دائىرىسى ۋە تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىمىز. كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيە ئەمەلىيىتى، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پاكىت سانلىق مەلۇماتى، تىپىك دېلو مىساللىرىدىن پايدىلىنىپ داۋلىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، جانلىق، تەسىرلىك، ئاساسىي قاتلامغا يېقىن تىل ئارقىلىق كۆز قاراشنى بايان قىلىشقا ماھىر بولۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ئومۇمىي يىغىن روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولىمىز.

 ھەرقايسى جايلاردىكى پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات تارماقلىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقلىرى، نەزەرىيە باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقلىرى، ئالاقىدار ئالىي مەكتەپ ۋە نەزەرىيە خىزمىتى سۇپىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاساسىي قاتلام نەزەرىيە لېكسىيە سۆزلەشتىكى ئىلغار ۋەكىللەر مۇھاكىمە كۇرسىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125