سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتلارنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرايلى ۋە ماس، يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە قىلايلى
10:49:48 2024-07-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

 سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇش يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى بىر قىممەتلىك تەجرىبە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا جەزمەن ئىزچىللاشتۇرۇشقا تېگىشلىك بىر مۇھىم پىرىنسىپ. پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى»دا سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاش، سىستېمىلىق جايلاشتۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتلار ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇلدى ۋە ماس، يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە قىلىندى.

 يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش نۇرغۇن يېڭى ئىچكى خاس مەزمۇن ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقى تېخىمۇ زور، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىغا بولغان تەلىپى تېخىمۇ كۈچلۈك. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە ئەقىل- پاراسەت بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتتا قىسمەن دائىرىدە ئىزدىنىش، مۇزنى يېرىپ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىشتىن سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نۇرغۇن ساھەدە تارىخىي ئۆزگىرىش، سىستېمىلىق قايتا قۇرۇش، بىر پۈتۈن قايتا بەرپا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇشى»دىكى مۇھىم بىر تەرەپ شۇكى، سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئىسلاھات سىستېمىلىق، بىر پۈتۈن لايىھەلەپ ئالغا سىلجىتىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا يېپيېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى.

 باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىسلاھاتنى پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتە جەزمەن سىستېمىلىق قاراش، پۈتۈن ۋەزىيەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇرنى كۈچەيتىپ، ئىشنىڭ ئېغىر- يېنىكلىكى، جىددىي ياكى جىددىي ئەمەسلىرىنى ئايرىپ، سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ماسلاشتۇرۇش، يۈرۈشلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.» ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان «قارار»دا «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىش رامكىسى ئىچىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش پىلانلىنىپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە باشقا ساھەلەردىكى ئىسلاھاتلار بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھاتقا ئەھمىيەت بېرىش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا ئەھمىيەت بېرىش ئۇنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى.

 شۇنى جەزمەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي ئېغىشماي مېڭىپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىنى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە كونكرېت ۋە ئەمەلىي نامايان قىلغاندىلا، ئاندىن جانلىق- جۇشقۇن، تىنچ- ئىتتىپاق سىياسىي ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملىگىلى ۋە راۋاجلاندۇرغىلى بولىدۇ؛ قانۇنچىللىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى بولۇپ، ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل يولغا قويۇپ، قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدىكى ئىسلاھاتنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلىرىنىڭ قانۇنچىللىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتقاندىلا، ئاندىن قانۇنچىللىق يولىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ؛ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك بىر- بىرىگە ماسلىشىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش بولۇپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەتكە تېز ماسلىشىپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتقاندىلا، ئاندىن قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ قوشقىلى بولىدۇ؛ تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بولۇپ، چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرغاندىلا، ئاندىن ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتقىلى بولىدۇ؛ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش بولۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كاربون تۆۋەنلىتىش، بۇلغىما ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان تۈزۈلمە- مېخانىزملارنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرگەندىلا، ئاندىن گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش، يېڭى دەۋر ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىققىلى بولىدۇ.

 زامانىۋىلاشتۇرۇش تارىخىي مۇساپىسى شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىك بىر تەندىكى ئىككى قانات، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى قوش چاق بولۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، ھەرىكەتچان تەڭپۇڭ بولۇش، بىر- بىرىنى تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنى جەزمەن چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى بولۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش تۈزۈلمە- مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى ياخشى ھەمتۈرتكە قىلغاندىلا، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؛ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويغاندىلا، ئاندى ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

 ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىر مەيدان چوڭقۇر ھەم ئومۇميۈزلۈك جەمئىيەت ئۆزگىرىشى، شۇنداقلا بىر تۈرلۈك مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى. پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىستېمىلىق قاراشتىن ئىبارەت ئۇللۇق رولغا ئىگە ئىدىيە ۋە خىزمەت ئۇسۇلىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ماھىرلىق بىلەن ئىش قىلىپ، ماھىرلىق بىلەن نەتىجە ياراتقاندا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا چوقۇم دولقۇن يېرىپ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلالايمىز.

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 23- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125