ئىسلاھاتنىڭ يېڭى جاۋاب قەغىزىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش
10:53:35 2024-07-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− كەڭ زىيالىيلار ۋە ياش ئوقۇغۇچىلار پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغىدى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

 ئىسلاھات مۇساپىسىدە يەنە بۇرغا چېلىندى، ئۇلۇغ دەۋردە يەنە يېڭى سەھىپە ئېچىلدى.

 يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، كەڭ زىيالىيلار ۋە ياش ئوقۇغۇچىلار پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ھەسسىلەپ روھلاندى. پايتەختتىن چېگرا رايونغىچە، ئالىي مەكتەپ، ئاكادېمىيە- ئورۇنلاردىن يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىرىنچى سېپىگىچە، كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، تېخىمۇ مۇستەھكەم ئېتىقاد، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىمىز بىلەن ئىسلاھاتنىڭ يېڭى جاۋاب قەغىزىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.

 يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى، يەنە بىر قېتىم سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقىنى چىقىرىش

 ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى» پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەمەلىيىتىنىڭ داۋامى، شۇنداقلا يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ دەۋر يېڭى سەھىپىسى.

 «بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى تولۇق نامايان قىلدى.» ئومۇمىي يىغىن ئاخباراتى ۋە «قارار»نى تەپسىلىي تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ خۇشۆ مۇنداق بىلدۈردى:پارتىيەنىڭ نەزەرىيە خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى ئارقىلىق ئومۇمىي يىغىن روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەتقىق قىلىپ، ياخشى چۈشەندۈرۈپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، «پارتىيە ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، پارتىيە ئۈچۈن چارە- تەدبىر كۆرسىتىش»تىن ئىبارەت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دىققەتنى مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈش جەريانىدا «چوڭقۇر ئۆگىنىپ»، مەسىلىگە جاۋاب بېرىش جەريانىدا «ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ»، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ماركسىزم سەۋىيەسى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، تۆھپە قوشىمىز.

 ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىدىغان ھالقىلىق مەزگىل.

 «قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش نىشانىنى قەرەلىدە ئورۇنداپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش ناھايىتى زور دەرىجىدە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا باغلىق.» شاڭخەي قاتناش داشۆسى ئەنتەي ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى چېن فاڭرو مۇنداق بىلدۈردى: ئىسلاھات يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ ۋە ئاشۇرىدۇ. ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلىمدە يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئىسلاھات ئەمەلىيىتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى توغرا ھەم ئېنىق چۈشەنچىلەر بىلەن تەمىنلەيمىز.

 شەرقىي شىمالدىكى قارا تۇپراقتا، ھازىر دەل بىپايان دالىلار يېشىللىققا تولغان، شاللار دولقۇنلىنىپ تۇرىدىغان مەزگىل. ئاساسىي قاتلامدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ئەمدىلا قايتىپ كەلگەن خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ سابىق ئاكادېمىيە باشلىقى خەن گۇيچىڭ بىرىنچى ۋاقىتتا ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگەندى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئىسلاھات سىجىل تۈردە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ «تورت»نى چوڭايتىپ، دېھقانلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ. كەلگۈسىدە يەنە داۋاملىق تۈردە ئىسلاھات ئارقىلىق جۇڭگونىڭ تاماق قاچىسىنى مەھكەم تۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقاننىڭ زامانىۋىلىشىش يولىدا ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ياردەم بېرىمىز.

 جېجياڭ ۋېنجوۋنىڭ رۈيئەن شەھىرىدىكى مايۈ توك تەمىنلەش ئورنى دوكتورلار مۇلازىمەت پونكىتى بىر تۈركۈم ئېلېكتىر ئېنېرگىيە پەن- تېخنىكىسى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يېتەكلەش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئورتاق بېيىشقا مۇلازىمەت قىلىشنى رەقەملەشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەردە شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

 دوكتورلار مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ مەسئۇلى جوۋ جىنخۇي مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، «بۆسۈپ ئۆتۈش» روھى، «يېڭىلىق يارىتىش» غەيرىتى، «ئىشلەش» ئىستىلىنى مەڭگۈ ساقلاپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ مۇكەممەل كەسپىي ئىقتىدارىمىز ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىمىز.

 يېقىندا، چاڭئې 6- نومۇر ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتىشنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى، پەن- تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن يەنە بىر بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىسى.

 «ئاي شارى توغرىسىدىكى ئىزدىنىشنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتقان يېڭى يۇقىرى پەللىسى پەن- تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىۋاتقان سالمىقىنى نامايان قىلدى. 20 يىلدىن بۇيان، ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىدا يېڭىچە پۈتۈن دۆلەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكى جارى قىلدۇرۇلۇپ، كۈچ توپلىنىپ بوشاشماي ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىنىپ، ئالەم قاتنىشى جەھەتتىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر ئارقا- ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. چاڭئې 6- نومۇر ۋەزىپىسىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى خۇ خاۋ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن مۇنداق دېدى: «يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، بىز جاپا- مۇشەققەت، خىرىستىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەش قەدىمىمىزنى توختاتماي، تېخىمۇ بىپايان <يۇلتۇزلار دېڭىزى>غا ئاتلىنىمىز».

 يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، پەيتنى قولدىن بەرمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش

 ئومۇمىي يىغىن پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىنى چىقىش قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ «ئاساسىي قۇرۇلما»سىنى بەرپا قىلىپ، ھەيۋەتلىك ھەم كونكرېت بولغان ئىسلاھات ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى.

 دۆلەتنىڭ مۇھىم پەن- تېخنىكا ۋەزىپىلىرى ۋە پەن- تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش كۈچەيتىلىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك كاپىتالنىڭ دەسلەپكى نەتىجىگە مەبلەغ سېلىشى، يېڭى كىچىك كارخانىلارغا مەبلەغ سېلىشى، ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىشى، قالتىس تېخنىكىلارغا مەبلەغ سېلىشىغا مەدەت بېرىش سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ... جۇڭكې چۇاڭشىڭ شىركىتىنى ھەمكارلىشىپ قۇرغۇچى مى لېي ئومۇمىي يىغىننىڭ «قارار»دىىكى يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقە يولىغا ئالاقىدار ئىسلاھات پايدىسىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى.

 جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىئەن ئوپتىك نازۇك ئۈسكۈنىلەر تەتقىقات ئورنىدىكى «پەن- تەتقىقات خادىمى»دىن قالتىس تېخنىكا بويىچە «ئىگىلىك تىكلىگۈچى»گە ئايلانغان مى لېينىڭ غەيرىتى تولۇپ تاشتى: «بىز دەۋر پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن- تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىدە تېزدىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيمىز».

 پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ئىختىساسلىقلارغا تايىنىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە مائارىپقا تايىنىش كېرەك. ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مائارىپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى.

 ئەنخۇي خېفېيغا جايلاشقان جۇڭگو پەن- تېخنىكا داشۆسىنىڭ بىر تەجرىبىخانىسىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، ئاسپىرانتلار شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياۋ خۇاجيەن ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەپ يەر تەۋرەش دولقۇنى تەسۋىر ھاسىل قىلىش تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىۋاتاتتى. ئىلىمدە يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىختىساسلىقلار ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى تۈرگە ئايرىپ تەربىيەلەش بۇ مەكتەپنىڭ ئاسپىرانتلار شۆيۈەنىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى بىر تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىزدىنىشى.

 «بىز دۆلەت دەرىجىلىك پەن تەتقىقات سۇپىسى ۋە چوڭ- چوڭ تۈرلەرگە تايىنىپ، مائارىپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدىكى توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، پەن- تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز» دېدى ياۋ خۇاجيەن.

 قانۇنچىللىق − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. بىرىنچى دەرىجىلىك ئادۋوكات، جياڭسۇ ئۆلكىلىك يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى ۋېي چىڭسۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى قوغداش ئۈچۈن پائال كەسپىي كۈچ قوشىمىز.

 پۇقرالار نېمىگە كۆڭۈل بۆلسە، نېمىنى ئارزۇ قىلسا، ئىسلاھاتتا شۇنى تۇتۇش، شۇنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 ۋۇشى شەھىرىنىڭ شىنۋۇ رايونى جياڭشى شىياڭخۇڭ كۈتۈنۈش مەركىزىدە، چاڭشا خەلق ئىشلىرى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئاقىل ساغلاملىق- كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ۋە باشقۇرۇش كەسپىنى 2020- يىلى پۈتكۈزگەن ۋاڭ شاۋيىڭ پەرۋىش قىلغۇچىلارنىڭ بىلىشى توسالغۇغا ئۇچرىغان ئاغرىقلارغا قارىتا دورا ئىشلەتمەي ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئەمەلىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. ئومۇمىي يىغىندا ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ۋاڭ شاۋيىڭنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى: «ئىسلاھات ئۇلۇغۋار پىلانى دەل بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز، كۆپچىلىك ئەمەلىي، جاپاغا چىداپ ئىشلىسەكلا، ئاندىن گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز».

 شىنجاڭدا 50 نەچچە يىل يىلتىز تارتىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىنى ئايلىنىپ خالىس كېسەل كۆرگەن قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى دوختۇرخانىسى جىگەر- ئۆت تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى جۇاڭ شىخۇا مۇشۇ يىللاردىكى ئاساسىي قاتلام داۋالاش- سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدى. «تېخىمۇ قولاي ھالدا كېسىلىنى كۆرسىتەلەيدىغان بولۇش، كېسىلىنى ياخشى داۋالىتالايدىغان بولۇش ئاممىنىڭ ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسى.» جۇاڭ شىخۇا مۇنداق دېدى: «ئومۇمىي يىغىندا كۆرسىتىپ بېرىلگەن ئىسلاھات يۆنىلىشىنى بويلاپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ داۋاملىق تىرىشىمىز، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىقى، بەختىنى ياخشى قوغداشقا ئىشەنچىمىز بار».

 كۈچنى مۇجەسسەملەش، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ يېڭى سەھىپە پۈتۈش

 «2029- يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى بولغاندا، بۇ قاراردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى تاماملايمىز.» ۋاقىت جەدۋىلى بېكىتىلدى، بەش يىللىق تەتۈر ساناق باشلاندى، ئىسلاھات قاتلاممۇقاتلام ئالغا سىلجىتىلىدۇ.

 بېيجىڭ قاتناش داشۆسى ئاپتوماتلاشتۇرۇش ۋە ئەقلىي ئىقتىدار شۆيۈەنىدە، پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋېن يىڭخۇڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يېتەكلەپ ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. «ئومۇمىي يىغىن ئاخباراتى ۋە <قارار> راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئاداققىچە ئېلىپ بېرىشتىكى قەتئىي ئىرادىنى نامايان قىلدى، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى» دېدى ۋېن يىڭخۇڭ.

 ياشلار روناق تاپسا، دۆلەت گۈللىنىدۇ؛ ياشلار كۈچەيسە، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ.

 نۇرغۇن يېزا- كەنتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، «سەنئەت ماكانى قۇرۇلۇشى» «گۈزەللىك تەربىيەسى دەرسخانىسى»نى قانات يايدۇرغان جۇڭگو گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ ئاسپىرانتى شيۇڭ جۈنلىڭ ئۆگەنگەنلىرىنى پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە سىڭدۈردى.

 «مەدەنىيەت- سەنئەت گۈزەللىككە ئىنتىلىش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچ.» شيۇڭ جۈنلىڭ مۇنداق دېدى: كەسپىي قابىلىيەتنى پۇختا ئۆگىنىپ، ياشلىق باھاردا كۈرەش قىلىشنى ئىسلاھات ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، سەنئەت ئەسەرلىرىنى دەۋرگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، تۇرمۇشقا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، خەلققە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشىمەن.

 غەربىي جەنۇبتىكى تاغلىق رايونلاردا، يازدا پىژغىرىم ئىسسىق بولىدۇ. ماۋلەن دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندىكى ئىپتىدائىي ئورمانلىقتا، گۇيجوۋ داشۆ ھاياتلىق ئىلمى شۆيۈەنى ئېكولوگىيە كەسپىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى يۈ جياڭخۇڭ ئۆسۈملۈكلەرنى تەكشۈرۈۋاتاتتى.

 «پۇختا بولغان دالا ئاساسىي سانلىق مەلۇماتلىرى ئارقىلىق تەبىئەتنىڭ سىرىنى ئېچىپ، ئەستايىدىل ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان نەق مەيدان ئىلمىي تەتقىقاتى ئارقىلىق ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداش كېرەك.» يۈ جياڭخۇڭ ئۆزىگە مۇنداق نىشان بەلگىلىدى: «پەن تەتقىقات ئىلمىي ماقالىسىنى ۋەتىنىمىزنىڭ كەڭ زېمىنىغا يېزىپ، <گۈزەل جۇڭگو> قۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىمەن».

 ئىسلاھ قىلغۇچىلارلا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ، يېڭىلىق ياراتقۇچىلارلا قۇدرەت تاپالايدۇ.

 «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىز ياش بىر ئەۋلادلارنىڭ تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ مول پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى، تېخىمۇ پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەردى.» بېيجىڭ داشۆ كومپيۇتېر ئەمەلىي قوللىنىش تېخنىكىسى كەسپىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى ليۇ لىمىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك سىن ھاسىل قىلىش ۋە يوللاشتىن ئىبارەت پەن ھالقىغان ساھەگە جەڭ ئېلان قىلماقتا، «مەن ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مەۋقەنى كەسىپكە قويۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە تەتقىق قىلىپ، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ ئېھتىياجىغا يۈزلىنىپ جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە جۇشقۇن ياشلىق باھار سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىمەن».

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 26- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125