شيا شىنيى پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۇنجى نامايان بولۇپ پۈتۈن كۈچى بىلەن توپ ئۇرماقتا. سۈرەت توردىن ئېلىندى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خۇاڭ شىڭ) بېيجىڭ ۋاقتى 7- ئاينىڭ 28- كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچىلىك قىز شيا شىنيى بىلەن جۇڭگو دۆلەت كوماندىسىدىكى ھەمراھى شۆ چېن پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار قۇملۇق ۋالىبولى مۇسابىقىسىنىڭ B گۇرۇپپىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە، ئىككىگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن ئاۋسترالىيە كوماندىسىدىكى مارىيافى ۋە كرانسى گۇرۇپپىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.
پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ئاياللار قۇملۇق ۋالىبولى كوماندىسىدىن پەقەت شيا شىنيى، شۆ چېن گۇرۇپپىسىلا مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنىدى. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە 8- ئورۇندا تۇرىدىغان شيا شىنيى بىلەن شۆ چېن تۇرۇشلۇق B گۇرۇپپىدا، دۇنيا بويىچە 2- ئورۇندا تۇرىدىغان ئامېرىكا كوماندىسىدىكى نۇس، كىلوس گۇرۇپپىسى، دۇنيا بويىچە 20- ئورۇندا تۇرىدىغان كانادا كوماندىسىدىكى بارنېسلېي، بۇكوۋىچ گۇرۇپپىسى ۋە دۇنيا بويىچە 25- ئورۇندا تۇرىدىغان مارىيافى، كرانسى گۇرۇپپىسى بار.
بېيجىڭ ۋاقتى 7- ئاينىڭ 29- كۈنى سائەت 17دە، شيا شىنيى، شۆ چېن گۇرۇپپىسى كانادا كوماندىسىدىكى بارنېسلېي، بۇكوۋىچ گۇرۇپپىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)