ئەن چىشۈەن شىنجاڭنىڭ ئوقيا ئېتىش ساھەسىدە تارىخ ياراتتى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خۇاڭ شىڭ) 7- ئاينىڭ 28- كۈنى، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار ئوقيا ئېتىش كوللېكتىپ مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭلىق قىز ئەن چىشۈەن ۋە لى جيامەن، ياڭ شياۋلېيدىن تەشكىللەنگەن جۇڭگو كوماندىسى كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى. بۇ، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار ئوقيا ئېتىش كوللېكتىپ مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى بىلەن تەڭلەشتى، ئەن چىشۈەن شىنجاڭنىڭ ئوقيا ئېتىش ساھەسىدە تارىخ يارىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋاڭ جيېدىن كېيىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن شىنجاڭلىق ئىككىنچى ماھىر بولۇپ قالدى.
جۇڭگو كوماندىسى ماھىرى ئەن چىشۈەن مۇسابىقىدە. سۈرەت مەنبەسى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى
مۇسابىقىدە، جۇڭگو كوماندىسى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ھىندونېزىيە كوماندىسى ۋە مېكسىكا كوماندىسىنى يېڭىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تۆتكە قارشى نۆل نەتىجە بىلەن كورېيە كوماندىسىدىن ئارقىدا قالغان پايدىسىز ۋەزىيەتتە، ئەن چىشۈەن ۋە سەپداشلىرى ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتىپ مۇسابىقىلىشىپ، قەيسەرلىك بىلەن نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقىدە، جۇڭگو كوماندىسى ئىككى ھالقا پەرق بىلەن كورېيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالدى.
2008- يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىلىق ۋاڭ جيې جۇڭگو ئاياللار قۇملۇق ۋالىبولى كوماندىسىغا ۋاكالىتەن كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى، ئوخشاشلا ئىلىلىق شۆ خەيفېڭ جۇڭگو ئەرلەر ئوقيا ئېتىش كوماندىسىغا ۋاكالىتەن كوللېكتىپ مۇسابىقىدە مىس مېدالغا ئېرىشتى.
«ئەن چىشۈەن دۆلەت كوماندىسىنىڭ مۇھىم تەنھەرىكەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇنداق مۇسابىقىدە بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ، ناھايىتى قالتىس ئىپادە كۆرسەتتى. ئۇنىڭ رولىنى مۇقىم جارى قىلدۇرۇشى ئەمەلىي كۈچىنىڭ ناماياندىسى، شۇنداقلا جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئىككىنچىلىككە ئېرىشىشىدىكى ھالقىلىق شەخس»، دېدى شىنجاڭ ئوقيا ئېتىش كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى جاۋ ۋېيخۇا شاگىرتىنىڭ ئىپادىسىدىن ناھايىتى مەمنۇن بولغان ھالدا.
7- ئاينىڭ 31- كۈنى سائەت 0دىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە، ئەن چىشۈەن يەنە ئاياللارنىڭ ئوقيا ئېتىش يەككە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)