چىن خەيياڭنىڭ مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، پارىژ، 7- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ليۇ ياڭ، جوۋ شىن، شيا لياڭ) 7- ئاينىڭ 28- كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سۇ ئۈزۈش تۈرى مۇسابىقىسىدە، «كېپىنەكچىلەپ ئۈزۈش خانىشى» جاڭ يۈفېي ئاياللارنىڭ 100 مېتىرغا كېپىنەكچىلەپ ئۈزۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە جۇڭگو كوماندىسى ئۈچۈن مىس مېدالغا ئالدى، «پاقىچىلاپ ئۈزۈش شاھى» چىن خەيياڭ ئەرلەرنىڭ 100 مېتىرغا پاقىچىلاپ ئۈزۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ كېيىنكى يېرىم مۇساپىسىدىكى ئىپادىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانلىقتىن، ئاران يەتتىنچى بولدى.
ئامېرىكا ماھىرلىرى ئاياللارنىڭ 100 مېتىرغا كېپىنەكچىلەپ ئۈزۈش تۈرىدىكى ئالتۇن، كۈمۈش مېدالنىڭ ھەر ئىككىسىنى ئېلىۋالدى، خۇسك 55 سېكۇنت 59 دەقىقىلىك نەتىجە بىلەن چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى، بۇ تۈردە دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى ۋالش 55 سېكۇنت 63 دەقىقىلىك نەتىجە بىلەن ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى. دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بۇ تۈرىدە ئىككىنچى بولغان جاڭ يۈفېي ئۈچىنچى يولدا سۇ ئۈزۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا 56 سېكۇنت 21 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن ئۈچىنچى بولدى.
7- ئاينىڭ 28- كۈنى، جاڭ يۈفېي مۇسابىقىدە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ پېڭ فوتوسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)