پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى | مۇسابىقە قېيىقى تۈرىدە جۇڭگو كوماندىسى ئەرلەر كوماندىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى، ئاياللار كوماندىسى مۇسابىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن ئېنىق بېكىتىلىدۇ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، پارىژ، 7- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لىن جىڭ، جاۋ يەن، لى چۇنيۈ) 7- ئاينىڭ 28- كۈنى، پارىژ چوڭ رايونىنىڭ ھاۋاسى ئوچۇق، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق بولدى. مارن دەرياسى بويىدىكى ۋېل دېڭىز سەپىرى تەنتەربىيە مەيدانى مۇسابىقە قېيىقى تۈرىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە قايتا ئېرىشىش مۇسابىقىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 تۈرلۈك مۇسابىقىنى كۈتۈۋالدى. جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئەرلەر قوش كىشىلىك جۈپ پالاقلىق گۇرۇپپىسى ماھىرلىرى، جۇڭگو شياڭگاڭ كوماندىسىنىڭ ئەرلەر يالغۇز كىشىلىك جۈپ پالاقلىق ماھىرى مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە قايتا ئېرىشىش مۇسابىقىسىدە قاتمۇقات توساقنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سەپىرىنى داۋاملاشتۇردى. جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئاياللار يېنىك دەرىجىلىكلەر قوش كىشىلىك جۈپ پالاقلىق، ئاياللار تۆت كىشىلىك يەككە پالاقلىق گۇرۇپپىسى مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە قايتا ئېرىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندىن كېيىن كېتىش ياكى قېلىشى ئېنىق بولىدۇ.
ئەرلەرنىڭ قوش كىشىلىك جۈپ پالاقلىق مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە قايتا ئېرىشىش مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ئەرلەر كوماندىسىدىكى «يالغۇز مايسا» ليۇ جىيۈ بىلەن ئادىلجان سۇلتان سېربىيە، گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە كوماندىلىرى بىلەن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئۈچ كىرىش بېلىتىنى تالاشتى. جۇڭگو كوماندىسى گۇرۇپپىسى گەرچە يولغا چىققاندا سەل ئارقىدا قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار قالغان 1500 مېتىرلىق مۇسابىقە مۇساپىسىدە بىر قەدەر ياخشى تىركىشىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ، باشتىن- ئاخىر 2-، 3- ئورۇندا تۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا 6 مىنۇت 39 سېكۇنت 06 دەقىقىلىك نەتىجە بىلەن گۇرۇپپىدا 3- بولۇپ، سېربىيە ۋە گېرمانىيە كوماندىسى ماھىرلىرى بىلەن بىرلىكتە گۇرۇپپىدىن چىقىپ، 7- ئاينىڭ 30- كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.
7- ئاينىڭ 28- كۈنى، جۇڭگو ليۇ جىيۈ (سولدا)، ئادىلجان سۇلتان گۇرۇپپىسى ئەرلەرنىڭ مۇسابىقە قېيىقى قوش كىشىلىك جۈپ پالاقلىق مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە قايتا ئېرىشىش مۇسابىقىسىدە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن بوخەن فوتوسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)