پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئون مېتىر ئارىلىقتا يەل مىلتىق بىلەن قارىغا ئېتىش ئارىلاشما كوللېكتىپ ئالتۇن مېدال مۇسابىقىسىدە، خۇاڭ يۈتىڭ بىلەن شېڭ لىخاۋدىن تەشكىللەنگەن جۇڭگو گۇرۇپپىسى بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۈردى. خۇاڭ يۈتىڭ مۇسابىقىدىن كېيىن زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا تەمكىنلىك بىلەن مۇنداق دېدى: (تۇنجى ئالتۇن مېدال) ماڭا نىسبەتەن پەقەت بىر نەتىجە ۋە شەرەپ، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، لېكىن كەلگۈسىدىكى مۇسابىقە مەن ئۈچۈن يەنىلا «نۆلدىن باشلىنىدۇ».
شېڭ لىخاۋ مۇسابىقىدە.
بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۇنجى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرگەن 19 ياشلىق شېڭ لىخاۋ 17 ياشلىق خۇاڭ يۈتىڭغا ئوخشاشلا ناھايىتى تەمكىن كۆرۈنەتتى. شېڭ لىخاۋ مۇنداق دېدى: «مەن مۇسابىقىدە ئۆزۈم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى ياخشى قىلغاچقا، نەتىجەم ياخشى بولدى».
ئىلگىرى دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئەرلەرنىڭ ئون مېتىر ئارىلىقتا يەل مىلتىق بىلەن قارىغا ئېتىش تۈرىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن شېڭ لىخاۋ مۇنداق دېدى: «بىر مەزگىل ئەپسۇسلانغاندىن كېيىن يەنىلا ھەربىر قەدەمنى پۇختا بېسىپ، ئۆزۈمنى ئۈزلۈكسىز تاۋلىدىم، ھەر قېتىملىق مۇسابىقىدىن كېيىن مۇسابىقىنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، ئۆزۈمدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى بايقاپ، ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشتىم».
خۇاڭ يۈتىڭ مۇسابىقىدە.
خۇاڭ يۈتىڭ 2022- يىلى خەلقئارا مۇسابىقە مەيدانىدا ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلغان. خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۇ ئاياللارنىڭ ئون مېتىر ئارىلىقتا يەل مىلتىق بىلەن قارىغا ئېتىش كوللېكتىپ تۈرى، شەخسلەر تۈرى ۋە ئون مېتىر ئارىلىقتا يەل مىلتىق بىلەن قارىغا ئېتىش ئارىلاشما كوللېكتىپ تۈرىدە چېمپىيون بولۇپ، بىر قېتىمدىلا «ئۈچ ئالتۇن مېدال»نى قولغا كەلتۈرگەنىدى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى)