مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭنى كەسىپلەر ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلدى
20:26:04 2024-07-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭنى كەسىپلەر ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلدى

تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ يۇقىرى سۇپا ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىكنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

ما شىڭرۇي، جاڭ يۈجو سۆز قىلدى

ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

7- ئاينىڭ 28- كۈنى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى بىرلىكتە قەشقەردە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭنى كەسىپلەر ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر جاڭ يۈجو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 7- ئاينىڭ 28- كۈنى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى بىرلىكتە قەشقەردە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭنى كەسىپلەر ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىندا پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىكنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىق تەرەققىياتى ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىپ، شىنجاڭنىڭ كەسىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئورتاق پىلانلاپ، قول تۇتۇشۇپ شىنجاڭچە خاسلىققا ۋە ئەۋزەللىككە ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى قۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى يۈكسەكلىك، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر جاڭ يۈجو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

 ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭنى كەسىپلەر ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى، تۈرتكە بولدى. كەڭ مەركەز كارخانىلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشىدە مول نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى بېكىتىپ بېرىپ، شىنجاڭ خىزمىتى ئۈچۈن گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ، مەركەز كارخانىلىرىنى غايەت زور تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭ بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك، تېخىمۇ كەڭ ساھەلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى سىجىل قانات يايدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تۈر قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى قۇرۇشىنى نۇقتىلىق چۆرىدىگەن ھالدا مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. ئىجادىي تەرەققىياتنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئاپپاراتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ئوچۇق ھەمكارلىقنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشنى قوللاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىكنىڭ ماس تەرەققىياتى، يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆپەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق ھالدا جەنۇبىي شىنجاڭدا بىر تۈركۈم چوڭ- چوڭ كەسىپ تۈرلىرىنى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭ سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن قىياپەت ۋە سىغدۇرۇشچان قەلب بىلەن مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭدا تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ.

 جاڭ يۈجو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە بىڭتۇەننىڭ ئۇزاقتىن بۇيان دۆلەت مۈلكىدىكى مەركەز كارخانىلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، دۆلەت مۈلكىدىكى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلىدى، پۇختا ئالغا سىلجىتتى. ھەرقايسى مەركەز كارخانىلىرى سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە كۆڭۈل بۆلۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، دىققەتنى مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى سېلىنما ۋە قۇرۇلۇش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، شىنجاڭنى كەسىپلەر ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشقا پائال قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشقا پائال تۆھپە قوشتى. سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شىنجاڭنى كەسىپلەر ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنى پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالىدىغان، تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمى ياخشى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىدىغان كەسىپ تۈرلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ يولغا قويۇپ، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن كەسىپلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر قاتارلىق ئېنېرگىيە بايلىقىنى چارلاش، ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق خاس كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زورايتىپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، يېشىللىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى كۈچەيتىشكە كۈچ قوشۇش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدا كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، بىڭتۇەننىڭ دۆلەت مۈلكىدىكى دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىغا پائال قاتنىشىپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى يەنىمۇ قوللاپ، كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىشنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر، تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشىغا يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

 ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى يىغىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەت بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش، دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى، شىنجاڭنى كەسىپلەر ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، «بىرىنچى قول رەھبەر» قۇرۇلۇشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىشى كېرەك، ئاساسلىق رەھبەرلەر ئۆزى ئاتلىنىپ، ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، پۈتۈن جەرياننى ئىز بېسىپ تەكشۈرۈپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شىنجاڭنى كەسىپلەر ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش تۈرلىرىنىڭ پۈتۈن دەۋرىيلىك مۇلازىمەت كاپالىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەلالاشتۇرۇپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىنى تېخىمۇ قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. خىزمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭدا مەبلەغ سالغان تۈرلىرىگە تىزىملىك بويىچە مۇلازىمەت قىلىشنى يولغا قويۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىدىكى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىپ، كېلىشىم ئىمزالانغان تۈرلەردە بالدۇر ئىش باشلاش، بالدۇر قۇرۇلۇش قىلىش، قۇرۇلۇشنى بالدۇر تاماملاش، بالدۇر ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 خې جۇڭيوۋ مۇنداق بىلدۈردى: گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە مەركەز كارخانىلىرى دىققەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۇەننىڭ ئورۇن بېكىتمىسى توغرىسىدىكى تەلىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەنگە كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش، بىڭتۇەنگە ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، بىڭتۇەننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە كۈچ قوشتى. بۇ يىل شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، بىڭتۇەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بىڭتۇەن ئەمەلىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىدۇ. دۆلەت مۈلكىدىكى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىڭتۇەن بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، بىڭتۇەننىڭ زور ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇشى، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت كاپىتالى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتىش، سەرخىللاشتۇرۇش، زورايتىشقا تۈرتكە بولۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى سىجىل زورايتىپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 يىغىندا، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گوۋ پىڭ 2021- يىلىدىن بۇيانقى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

 ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى، جۇڭگو خۇاديەن گۇرۇھى، جۇڭگو نېفىت- تەبىئىي گاز گۇرۇھى، جۇڭگو لۈفا گۇرۇھى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو سەنشيا گۇرۇھى، جۇڭمېي ئېنېرگىيە گۇرۇھى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى، خۇارۇن گۇرۇھى، جۇڭگو خۇانېڭ گۇرۇھى، جۇڭگو ديەنجيەن گۇرۇھى، جۇڭگو داتاڭ گۇرۇھى، جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھى، جۇڭگو گۇاڭخې گۇرۇھى، دۆلەت ئېلېكتىر سېلىنما گۇرۇھى، جۇڭگو ئېنېرگىيە قۇرۇلۇش گۇرۇھى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى، دۆلەت نېفىت- تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورى گۇرۇھى، جۇڭگو باۋۋۇ پولات- تۆمۈر گۇرۇھى، جۇڭگو كېمىسازلىق سانائىتى گۇرۇھى، جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى، جۇڭگو قورال- ياراغ سانائىتى گۇرۇھى، شىنشىڭ جىخۇا گۇرۇھى، جۇڭگو رۇڭتۇڭ گۇرۇھى، جۇڭگو چېڭتۇڭ پاي كونترول گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ئىمزالىدى.

 جۇڭگو نېفىت- تەبىئىي گاز گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى خوۋ چىجۈن، جۇڭگو خۇاديەن گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى جياڭ يى، دۆلەت ئېنېرگىيە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ليۇ گويۆ، جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ تۇڭجوۋ، جۇڭگو لۈفا مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ليۇ يۈ پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

 يىغىندا ئالاقىدار مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات سىن ئارقىلىق ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھىنىڭ كۇچا يېشىل ھىدروگېن ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتىنىڭ «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» بويىچە ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش 3- لىنىيەسى قۇرۇلۇشى تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئايلاندۇرۇش پونكىتى تۈرى، جۇڭگو خىمىيە قۇرۇلۇشى گۇرۇھىنىڭ يىلىغا 500 مىڭ توننا TABP بىيولوگىيەلىك پارچىلىنىدىغان سولياۋ ئىشلەپچىقىرىش تۈرى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىنى سىنلىق ئۇلىنىش ئارقىلىق، تۈرلەرنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالى ئىگىلەندى.

 گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش كومىتېتىدىكى رەھبەر تەن زوجۈن ھەم ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، 49 مەركەز كارخانىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ھەم بۇ كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تارماقلىرى، شىنجاڭدىكى شۆبە- تارماق ئاپپاراتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرى ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە بىڭتۇەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش كومىتېتى نازارەت قىلىدىغان- باشقۇرىدىغان كارخانىلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قەشقەردىكى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىدە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125