ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك
20:40:41 2024-07-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى قەشقەردە پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش خىزمىتى يىغىنى ئاچتى

ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

ما شىڭرۇي سۆز قىلدى

ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى

7- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى قەشقەردە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش خىزمىتى يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ شياڭ) پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 7- ئاينىڭ 28- كۈنى قەشقەردە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش خىزمىتى يىغىنى ئاچتى، يىغىندا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش چىڭ كۆزلىنىپ، دىققەت جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىندى، پىلانلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى.

 يىغىندا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاست ۋە ئارال شەھىرى، تيېمېنگۇەن شەھىرى، تۇمشۇق شەھىرى، كۇنيۈ شەھىرى قاتارلىق جايلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئىلگىرى- كېيىن سۆز قىلىپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، خىزمەتنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى، ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەت پىكىر يولىنى دوكلات قىلدى.

 ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى سۆز قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، قانداق قىلغاندا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا پىكىر- تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر ئىكەنلىكىنى، تېخىمۇ مۇھىمى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر تەدبىر ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، ئاچقۇچلۇق نۇقتا ۋە بۆسۈش ئېغىزىنى دەل جايىدا تېپىپ، كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە تۈزۈلمە- مېخانىزم توسالغۇلىرىنى ھەل قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە قوشۇندىن ئايرىلىپ قالماسلىق، سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى زىچ چۆرىدەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىك، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «بىرگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان» نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى تۇتۇپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. باشتىن- ئاخىر ئىنتايىن پەخەس بولىدىغان ئېھتىياتچانلىق ۋە سەزگۈرلۈكنى ساقلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ساقلاپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈچلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، مەنبەدىن تۈزەشنى سىجىل كۈچەيتىش كېرەك؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنچىللىقىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ ئاساسىي قاتلامنى ئومۇميۈزلۈك تۇتۇش يۆنىلىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ھەقىقىي تۈردە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ مۇستەھكەم ئۇل تېشى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. بايلىق ئۈستۈنلۈكى يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. دىققەتنى دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، يېتەكلەش كۈچى، تارتىش كۈچى چوڭ بىر تۈركۈم تۈرلەرنى چوڭقۇر پىلانلاپ يولغا قويۇش كېرەك؛ ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، بايلىق كۆجۈملەشكەن، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، خاس ساياھەتچىلىك ۋە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلىپ، ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى تېز بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بوشلۇق، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا قاتارلىق تەرەپلەردە ھەر تەرەپلىمە گىرەلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا- كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى نۇقتىلىق شەھەر- بازار يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتىپ، نوپۇس ۋە كەسىپلەرنىڭ توپلىنىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئالىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، شەھەر- بازارلارنىڭ كۆتۈرۈش كۈچى، جەلپ قىلىش كۈچى، تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئۆزگىچە ئەۋزەل ئورنىنى چوڭقۇر تونۇپ، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە پائال سىڭىشىش كېرەك. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۇرسەتنى ئىگىلەپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ «سىرتقا چىقىش»ىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، چېگرا ھالقىغان كەسىپ ۋە ئىقتىساد- سودىنىڭ يۇغۇرۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ پورت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى قاتارلىق تۈرلۈك ئېچىۋېتىش سۇپىلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش داۋامىدا ئېچىۋېتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. «بىر تاختا شاھمات» «بىر ئائىلە كىشىلىرى» ئىدىيەسىنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بايلىق ئەۋزەللىكىنى بىڭتۇەنگە مايىللاشتۇرۇپ تەقسىملەش سالمىقىنى زورايتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ھەر تەرەپلىمە، ھەر ساھە، چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى تارماقلار، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشى، مەسىلىنى مۇرەككەپ دەپ تېگىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان، زىددىيەتنى گەۋدىلىك دەپ ئەگىپ ماڭىدىغان، تەرەققىياتتا ئارقىدا قالدى دەپ ھېچبىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدىغان ئىشنى قىلماسلىقى كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان تەپەككۇرنى، يولغا تايىنىۋېلىشنى قەتئىي چۆرۈپ تاشلاپ، راست گەپ قىلىش، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش، ئەمەلىي ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، قاتمال ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. مەركەزنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان تۈرلۈك سىياسەتلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەركەز كارخانىلىرى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ھەمكارلىشىش سالمىقىنى زورايتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىرلىكتە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللايدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

 ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى ئالدىن ياخشى ئىشلەش ئىرادىسى باشتىن- ئاخىر قەتئىي، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئىدىيەسى، پىكىر يولى ئىزچىل. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار خىزمەت ئىرادىسىنى ساقلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پىكىر يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تەدبىرلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىزچىل ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ئىدىيە ۋە قاراشتا سىجىل ئازاد بولۇپ، تۈزۈلمە- مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ خىزمەت لايىھەسى تۈزۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا پۇختا نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلار ۋە بىڭتۇەننىڭ شى، شەھەرلىرى ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەقىقىي، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى «ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك پۈتتۈرۈش»نى چۆرىدەپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىپ، يۇقىرى ئۈنۈمدە تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى كېرەك. تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى ھەقىقىي تۈردە بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى تۇتۇش كېرەك.

 تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئورگىنى، بىڭتۇەن ئورگىنى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاستلار ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار شى، شەھەرلىرى ھەم ئۇلارغا قاراشلىق ناھىيە، شەھەر، تۇەن- مەيدانلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125