شيا شىنيى بىلەن شۆ چېن غەلىبىسىنى تەبرىكلىمەكتە. سۈرەت توردىن ئېلىندى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خۇاڭ شىڭ) بېيجىڭ ۋاقتى 7- ئاينىڭ 29- كۈنى چۈشتىن كېيىن، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار قۇملۇق ۋالىبولى مۇسابىقىسىنىڭ B گۇرۇپپا 2- مەيدان مۇسابىقىسىدە، ئۈرۈمچىلىك قىز شيا شىنيى ۋە دۆلەت كوماندىسىدىكى ھەمراھى شۆ چېن 0گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن دۇنيا بويىچە 20- ئورۇندا تۇرىدىغان كانادا كوماندىسىدىكى بارنېسلېي، بۇكوۋىچ گۇرۇپپىسىنى يەڭدى، بۇ، ئىككىيلەننىڭ پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى غەلىبىسى ھېسابلىنىدۇ.
بېيجىڭ ۋاقتى 8- ئاينىڭ 2- كۈنى سەھەر سائەت 4تە، شيا شىنيى بىلەن شۆ چېن ئامېرىكا كوماندىسىدىكى نۇس، كلوس گۇرۇپپىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. بۇ مۇسابىقە نەتىجىسى ئۇلارنىڭ 16 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىش- كىرمەسلىكىنى بىۋاسىتە بەلگىلەيدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)