ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر رېن چۇنشياڭ) 7- ئاينىڭ 29- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كودى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئېلېكتىرونلۇق رېتسېپ ئوبوروتى ھەم داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن كۆچمە چىقىم قىلىشنى پۈتۈن جەرياندا قوللىنىشنى تېز سۈرئەتتە ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش، دورا سېتىۋېلىشىدا پۈتۈن مۇلازىمەت راۋان بولۇش، پۈتۈن جەريان راۋان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېببىي دورا مۇلازىمىتىنىڭ قولايلىقلىقىنى كۈچەيتكەن. نۆۋەتتە، 781 تېببىي دورا ئاپپاراتىدا ئېلېكتىرونلۇق رېتسېپ ئوبوروتى ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كودى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئىسپاتى بولۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئامما دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمەت سۇپىسى، شىنجاڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمەت سۇپىسى، ۋېيشىن، جىفۇباۋ قاتارلىق كۆپ خىل يول ئارقىلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى نومۇرىنى ئاكتىپلاپ، تور سىرتىدا سايىلەش، كارتىسىز راسچوت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كودىنى ئاكتىپلىغان ئابۇنىچى 18 مىليون 480 مىڭدىن ئاشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كودىنى داۋالىنىش، دورا سېتىۋېلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىدا قوللىنىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كودىنى راسچوت قىلىش ھالقىسىدا ئىشلىتىپلا قالماي، ئالدىن كېلىشىپ نومۇر ئېلىش، كېسەل كۆرۈش ئۆيىدە كۆرۈنۈش، دىياگنوز قويۇش- تەكشۈرتۈش، تەكشۈرۈش دوكلاتىنى سۈرۈشتۈرۈش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن راسچوت قىلدۇرۇش، دورىخانىدىن دورا سېتىۋېلىش قاتارلىق پۈتۈن جەريانغىچە ئىشلىتىپ كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئېلېكتىرونلۇق رېتسېپىنى ئىشلىتىش ھەم ئوبوروت قىلىش ئارقىلىق، ئاغرىق دوختۇرخانىدا كېسەل كۆرسەتكەندە يېزىپ بېرىلگەن ئېلېكتىرونلۇق رېتسېپقا ئاساسەن، بەلگىلەنگەن دورا پارچە سېتىش دۇكانلىرىدىن دورا سېتىۋالسا بولىدۇ، بۇ ئاممىغا تېخىمۇ قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك داۋالىنىش، دورا سېتىۋېلىش تەسىراتى بېرىدۇ. كۆچمە چىقىم قىلىش جەھەتتە، ئاغرىق يان تېلېفونىدا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كودىنى كۆرسەتسە، ئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرسىتىش، دوختۇرخانىدا يېتىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، «ساقلىماسلىق، ئۆچرەتتە تۇرماسلىق، تېز سۈرئەتتە راسچوت قىلىش»نىمۇ ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)