مالىيە مىنىستىرلىقى بۈگۈن (7- ئاينىڭ 30- كۈنى) يېزا ئىگىلىكى- يېزا مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە مەركەز مالىيەسىدىن 238 مىليون يۈەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى چۈشۈرۈپ، خېنەن، خۇنەن، چۇڭچىڭ، سىچۇەن، شەنشى قاتارلىق ئاپەت رايونلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللىدى. زىرائەتلەرنى ئۆزگەرتىپ تېرىش، تولۇقلاپ تېرىش، سۇ بۇزۇۋەتكەن يېزا ئىگىلىك ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئۆستەڭلەرنى راۋانلاشتۇرۇش، ھۆلچىلىكنى تۈگىتىش قاتارلىق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىگە نۇقتىلىق مۇۋاپىق ياردەم پۇل بېرىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ كەلكۈن قاتارلىق ئاپەتلەرنىڭ تەسىرىگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن مەدەت بېرىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ زىيىنىنى ئازايتىشقا كۈچ قوشۇلۇپ، كۈزلۈك ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ئاساسى پۇختىلىنىدۇ.
(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى تيەن چىيۇڭ)
پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)