جۇڭگو ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 70- ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز 2- يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى
19:00:25 2024-07-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 2024- يىللىق جۇڭگو ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 7- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن چۇجوۋ شەھىرىدە باشلاندى، پۈتۈن مەملىكەتتىن كەلگەن 135 ۋەكىللەر كوماندىسى مۇسابىقىگە قاتناشتى. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ گۇرۇپپىسى ئوغۇللار 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 70- ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز 2- يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئىمران ئابدۇۋەلى 10.77 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

 تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ گۇرۇپپىسىنىڭ 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش تەييارلىق مۇسابىقىسىدە، ئىمران ئابدۇۋەلى 10.76 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن مۇسابىقە رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى. مۇسابىقىدىن كېيىن ئۇ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «تىرېنېرىم ۋە ئوقۇتقۇچۇمغا رەھمەت».

 ئىنكاس رايونىدا تورداشلار بەس- بەستە: «بەك قالتىسكەنسىز، داۋاملىق غەيرەت قىلىڭ»، «يارايسىز»... دېگەندەك ئىنكاسلارنى قالدۇردى.

 ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسى بولۇپ، ھەر يىلى بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدىكەن. 2024- يىللىق جۇڭگو ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 7- ئاينىڭ 28- كۈنىدىن 31- كۈنىگىچە ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ چۇجوۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

 (مەنبە: ئۈرۈمچى شەھەرلىك رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، گۈزەل چۇجوۋ)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125