ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 7- ئاينىڭ 29- كۈنى، ئېكولوگىيە- مۇھىت مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە 2024- يىلى 1- ئايدىن 6- ئايغىچە بولغان پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مۇھىت ھاۋا سۈپىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى.
1- ئايدىن 6- ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 339 شەھەرنىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولغان كۈن سانى نىسبىتى %82.8 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.4 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان؛ ئوتتۇرىچە ئېغىر دەرىجىدە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىدە بۇلغانغان كۈن سانى %1.5 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.1 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن؛ قۇم بورانلىق ھاۋارايى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوتتۇرىچە ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن كۈن سانى نىسبىتى %3.2 بولغان.
2024- يىلى 1- ئايدىن 6- ئايغىچە 168 نۇقتىلىق شەھەرنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلاش رەت تەرتىپىدىكى ئالدىنقى 20 ئورۇندىكى شەھەرلەر ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى 2- ئورۇندا تۇرغان؛ 2024- يىلى 1- ئايدىن 6- ئايغىچە 168 نۇقتىلىق شەھەرنىڭ PM2.5 قويۇقلۇقىنى ياخشىلاش رەت تەرتىپىدىكى ئالدىنقى 20 ئورۇندىكى شەھەرلەر ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى 6- ئورۇندا تۇرغان.
يامغۇردىن كېيىن، ئۈرۈمچىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ئاسماندا ھەسەن- ھۈسەن پەيدا بولدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ ۋېي فوتوسى
2024- يىلى 1- پەسىلدە، «ئۈرۈمچى- سانجى- شىخەنزە» رايونىنىڭ ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولغان كۈن سانى نىسبىتى %61.6 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 17.9 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان؛ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان كۈن سانى نىسبىتى %12.5 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 15.1 پىرسەنت پوئېنت ئازايغان.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)