مۇرەسسە ھېكايىسى | «سوتچى، مەن بالامغا يەنە 500 يۈەن بېقىش ھەققى قوشۇپ بېرىشنى خالايمەن!»
17:55:40 2024-07-31 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شيۇ، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ نىڭ)

 «سوتچى، مەن بالامغا يەنە 500 يۈەن بېقىش ھەققى قوشۇپ بېرىشنى خالايمەن». يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە، دەۋالاشقۇچى ۋېي X تەشەببۇسكارلىق بىلەن سوتچى گۇڭ شۆگە ۋەدە بەردى.

 ۋېي X كارخانىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن كىرىمىمۇ ئاز ئەمەس بولۇپ، بېقىش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئالالايتتى، ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن ئۇ بۇرۇنقى ئايالى لى X بىلەن بېقىش خىراجىتى توغرىسىدا تالاش- تارتىش قىلىدۇ؟

 ئىشنى 2009- يىلىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. شۇ يىلى، ۋېي X بىلەن لى X كېڭىشىپ ئاجراشتى، ئىككى تەرەپ يالغۇز قىزى شياۋمېينى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى) لى X بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە پۈتۈشتى، ۋېي X قىزىنى قەرەللىك يوقلاپ تۇردى. قىزىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ئىككىيلەن ئورتاق ئىگىدارلىقىدىكى بىر يۈرۈش ئۆينىڭ باھاسىنى 190 مىڭ يۈەنگە ھېسابلاپ بېقىش خىراجىتىگە سۇندۇرۇپ، ۋېي X يەنە ھەر ئايدا 1000 يۈەن بېرىدىغان بولدى.

 كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، شياۋمېي 13 ياشقا كىردى، دەرستىن سىرتقى كۇرس چىقىمىمۇ كۆپىيىپ كەتتى، لى X قىزىنىڭ كۇرس خىراجىتىنى يالغۇز ئۈستىگە ئېلىش ئېغىر كەلگەندەك ھېس قىلىپ، ۋېي X بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئۇنىڭ ھەر ئايدا 3000 يۈەن بېقىش ھەققى بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى، لېكىن بۇنى ۋېي X رەت قىلدى.

 بۇ يىل 3- ئايدا، لى X ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋېي Xنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلدى. سوت مەھكىمىسى لى X بىلەن قىزىنىڭ تۇرمۇش، تەربىيەلەش چىقىمىدا خېلى زور ئۆزگىرىش بولغانلىقى، ئەسلىدە بېكىتىلگەن بېقىش خىراجىتى ئۇنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇش سەۋىيەسىنى قامدىيالمىغانلىقى، ئىككى تەرەپنىڭ ئاجرىشىش كېلىشىمى بويىچە بېقىش خىراجىتىنى سۇندۇرغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەھۋالغا قاراپ ۋېي Xكە ھەر ئايدا 500 يۈەن كۆپەيتىپ بېرىشنى، يەنى ھەر ئايدا بالىغا 1500 يۈەن بېقىش خىراجىتى بېرىشنى بېكىتتى. لى X بۇنىڭغا قايىل بولماي، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇندى.

 گۇڭ شۆ بۇ دېلونى بېجىرىشكە مەسئۇل بولغاندىن كېيىن، دەۋاگەر بىلەن جاۋابكارنىڭ ئاجراشقاندىن كېيىن قايتا توي قىلمىغانلىقىنى، قىزىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن غەمخورلۇق قىلغانلىقىنى، قىزىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بۇ دېلونى مۇرەسسە قىلىشقا ئاساس سالغانلىقىنى بايقىدى. گۇڭ شۆنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن لى X بىلەن ۋېي X سوت مەھكىمىسىگە كەلدى، لېكىن ھەر ئىككىلىسىنىڭ خاپىلىقى بولغاچقا، دەسلەپتە كېلىشىپ بولالمىدى.

 «ئەگەر بۇ دېلودىن ھۆكۈم چىقىرىلسا، قىزىڭلار نەتىجىسىنى چوقۇم بىلىپ قالىدۇ. 13 ياش بالىنىڭ ياشلىق مەزگىلى بولىدۇ، بۇ دەل زېھنى سەزگۈر بولىدىغان، ئىشلارغا ئىنچىكە بولىدىغان ياشتۇر، شۇڭا ئەڭ ياخشى ئۇسۇل مۇرەسسە قىلىپ دېلونى ئاخىرلاشتۇرۇش، بۇنىڭ بالىغا بولغان تەسىرىمۇ ئانچە چوڭ بولمايدۇ»، دېدى گۇڭ شۆ ئۇلارغا تەھلىل قىلىپ بەرگەچ.

 ۋېي X گۇڭ شۆنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بولۇپ، بېشىنى تۆۋەن سالدى.

 «بالام ھەر ئايدا سۇ ئۈزىدۇ، پىيانىنو ئۆگىنىدۇ، ھېساباتتىن پۇل يۆتكىگەن بۇ خاتىرىلەرنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ». لى X شۇنداق دېگەچ يان تېلېفونىنى چىقىرىپ گۇڭ شۆگە كۆرسەتتى، «ئۇنىڭ كىرىمى يۇقىرى، بالىغا كۆپرەك بېقىش ھەققى بەرسە، بالا ياخشى چوڭ بولسا، ئۆزىمۇ خۇشال بولمامدۇ».

 گۇڭ شۆ بۇ ئىسپاتلارنى كۆرۈپ بولۇپ، لى Xكە مۇنداق دېدى: «قانۇندا ئاجراشقاندىن كېيىن بالىنى باقمايدىغان بىر تەرەپ بېقىش ھەققى بېرىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن، لېكىن بېقىش ھەققى سوممىسىنى بېكىتىشمۇ مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك». 

 گۇڭ شۆ ئۇلارغا مۇنداق ھېسابلىشىپ بەردى: ئۆي باھاسىنى ھېسابلاپ سۇندۇرغان خىراجەتنى بىر چەتكە قايرىپ قويساق، ئەگەر ۋېي X ھەر ئايدا 1500 يۈەن بەرسە، لى Xمۇ ھەر ئايدا مۇناسىپ ھالدا 1500 يۈەن بېقىش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، شياۋمېينىڭ ھەر ئايدىكى خىراجىتى 3000 يۈەن بولىدۇ، بۇ ئادەتتىكى ئائىلىلەر ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ چىقىم ھېسابلىنىدۇ. لى X ۋېي Xتىن ھەر ئايدا 3000 يۈەن بېرىشنى تەلەپ قىلغان، روشەنكى بۇ شۇ جايدىكى ئادەتتىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئىستېمال سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتكەن.

 گۇڭ شۆنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن لى Xنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتتى، ئۇ شياۋمېينىڭ بوۋىسى ھايات ۋاقتىدا شياۋمېينىڭ نۇرغۇن چىقىمىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى، بوۋاي ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بۇ چىقىملارنى ئۈستىگە ئېلىشقا قۇربى يەتمىگەنلىكتىن، ۋېي Xنىڭ بېقىش خىراجىتىنى كۆپەيتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 «مەنمۇ ئۆزۈمنى سىزنىڭ ئورنىڭىزغا قويۇپ ئويلايمەن، ھەممىسى بالا ئۈچۈن، مەن سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىمەن!» دېدى گۇڭ شۆ لى Xكە تەسەللى بېرىپ.

 «سىز ئاۋارە بولدىڭىز، شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ بىزنىڭ ئائىلە ئىشلىرىمىزنى بىر تەرەپ قىلىپ بەردىڭىز، ئەمەلىيەتتە بىز ۋە بالىمىزغا ياردەم قىلدىڭىز. بالىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن، مەن بالامغا بېقىش ھەققىنى كۆپەيتىپ بېرىشنى خالايمەن، ھەر ئايدا يەنە 500 يۈەن ئارتۇق بېرىمەن!» دېدى بۇ چاغدا، ئىزچىل ياندا ئۈن چىقارماي ئولتۇرغان ۋېي X تەشەببۇسكارلىق بىلەن.

 شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ۋېي X ھەر ئايدا شياۋمېيغا 2000 يۈەن بېقىش خىراجىتى بېرىدىغان بولدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125