ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى «شىنجاڭدىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىنىڭ خەۋەرگە قارىغاندا، مەملىكەتلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى يىغىنى 7- ئاينىڭ 29- كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلغان. يىغىندا مەملىكەت بويىچە ئارمىيەدىن چېكىنگەن 397 نەمۇنىلىك ھەربىي، مەملىكەت بويىچە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىدىكى 100 نەمۇنىلىك ئورۇن، مەملىكەت بويىچە ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىدىكى 80 نەمۇنىلىك شەخس تەقدىرلەندى. شىنجاڭدىن ئارمىيەدىن چېكىنگەن 7 ھەربىي، بىر ئورۇن ۋە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى سىستېمىسىدىكى بىر خىزمەتچى تەقدىرلەنگەن.
مەملىكەت بويىچە ئارمىيەدىن چېكىنگەن نەمۇنىلىك ھەربىي (7 نەپەر)
لى يۈنفېي، ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش- قۇتقۇزۇش چوڭ ئەترىتى چاڭنىڭ يولى ئوت ئۆچۈرۈش- قۇتقۇزۇش پونكىتىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى، لىن جىلۇ ئوت ئۆچۈرۈش پىدائىيلىق مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى
ئالماسبېك سادۇ، ئىلى ئوبلاستى نىلقا ناھىيەسى قاراتۆپە يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان كادىرى.
لى خۇڭجۈ، دۆلەت باج باش ئىدارىسى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك باج ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى
ئەركىن سەلەي، جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق شۆبە شىركىتى تور يولى تىجارەت مەركىزى ئۇزۇن يوللۇق پوچتا تىرانسپورت شوپۇرى
نىڭ ۋېي، خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەلىك دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش چوڭ ئەترىتىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى
جېڭ ۋېنجيې، سانجى ئوبلاستى مورى ناھىيەسى جاۋبىشەن يېزىسى پىڭدىڭشەن كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى
لى خەنۋېي، ئالتاي قاناس ھاراقچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى
مەملىكەت بويىچە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىدىكى نەمۇنىلىك ئورۇن (1)
قاراماي شەھىرى قاراماي رايونلۇق ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى ئىدارىسى
مەملىكەت بويىچە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىدىكى نەمۇنىلىك شەخس (1 نەپەر)
جاڭ جيايى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)