ئوقيا ئېتىش ئاياللار يەككە مۇسابىقىسىنىڭ 1/32 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى شىنجاڭلىق قىز ئەن چىشۈەن كېيىنكى باسقۇچلۇق مۇسابىقىگە كىرەلمىدى
14:26:44 2024-07-31 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

مۇسابىقە كەسمە سۈرىتى

 بېيجىڭ ۋاقتى 7- ئاينىڭ 31- كۈنى سائەت 00دىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭلىق قىز ئەن چىشۈەن پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئوقيا ئېتىش ئاياللار يەككە مۇسابىقىسىنىڭ 1/32 شاللاش مۇسابىقىسىدە، ئەزەربەيجان ماھىرى يايلاگۈل رامازانوۋا بىلەن مۇسابىقىلەشتى، پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ بىر- بىرىدىن قېلىشمىدى، ئاخىرىدا ئەن چىشۈەن ئالتىگە قارشى بەش نەتىجە بىلەن رەقىبىگە تەڭ كېلەلمەي، كېيىنكى باسقۇچلۇق مۇسابىقىگە كىرەلمىدى.

مۇسابىقە كەسمە رەسىم

 بىرىنچى مەيداندا ئەن چىشۈەن ئۈچ قېتىم توققۇز نومۇرلۇق ھالقىغا تەگكۈزدى، رەقىبى ئاران 22 ھالقىغا ئېرىشتى؛ ئىككىنچى مەيداندا ئەن چىشۈەن 25 ھالقىغا، رەقىبى 27 ھالقىغا ئېرىشىپ، ئىككىيلەن ئىككىدە ئىككى بولۇپ تەڭلىشىپ قالدى.

 ئۈچىنچى مەيداندا، ئەن چىشۈەن 26گە قارشى 27 نەتىجە بىلەن يەنە يەڭدى؛ تۆتىنچى مەيداندا، ئەن چىشۈەن 28گە قارشى 27 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى، ئىككى تەرەپ 4: 4 بولۇپ قالدى؛ بەشىنچى مەيداندا، ئىككى تەرەپ 26 ھالقا بىلەن تەڭلىشىپ قالغاچقا، مۇسابىقە قوشۇپ بېرىلدى.

 بىر ئوقيا بىلەن يېڭىش- يېڭىلىش بەلگىلىنىپ، ئەن چىشۈەن 9 ھالقىغا، رەقىبى 10 ھالقىغا تەگكۈزۈپ، ئەن چىشۈەن رەقىبىگە ئۇتتۇرۇپ قويدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125