پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بوكس مۇسابىقىسىدە توختاربېك 16 كۈچلۈك ئىچىگە كىرەلمىدى
14:26:34 2024-07-31 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر دۇڭ لياڭ) 7- ئاينىڭ 30- كۈنى، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بوكس تۈرىدىكى ھەرقايسى دەرىجىلىكلەر بويىچە 16 كۈچلۈك ئىچىگە كىرىش مۇسابىقىسى شىمالىي پارىژ ماھارەت كۆرسىتىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو بوكس كوماندىسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئالتايدىن كەلگەن ماھىر توختاربېك تاڭلاتقان ئەرلەرنىڭ 80 كىلوگىراملىقلار مۇسابىقىسىدە 5كە قارشى 0 نەتىجە بىلەن دومىنىكا ماھىرى كىرىستىيان خاۋېل پىنالەسكە يېڭىلىپ قېلىپ، 16 كۈچلۈك ماھىر قاتارىغا كىرەلمىدى.

توختاربېك تاڭلاتقان پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر 80 كىلوگىراملىقلار مۇسابىقىسىدە ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا 16 كۈچلۈك قاتارىغا كىرەلمىدى. بىۋاسىتە كۆرسىتىش كەسمە سۈرىتى

 بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە بوكس تۈرىنىڭ دەرىجىسى تەڭشەلدى، توختاربېك ئەسلىدە تۇرۇۋاتقان ئەرلەرنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى بىلەن 81 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى، ئەرلەرنىڭ 80 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى قىلىپ بىرلەشتۈرۈلدى، بۇ، دۇنيا بويىچە مۇسابىقىگە قاتناشقان بوكسچىلار ئەڭ كۆپ، رىقابەت ئەڭ كەسكىن دەرىجە. بۇ دەرىجىدە بۇ قېتىم جەمئىي 18 ماھىر قاتناشتى، مۇسابىقىدە يەككە مۇسابىقىدە يېڭىلگەنلەرنى شاللاش تۈزۈمى قوللىنىلدى.

 ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئىككىنچى قېتىم قاتناشقان توختاربېكنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى دەرىجە ئۆرلىگەندىن كېيىن، 2023- يىلى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ دۇنيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ۋە خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۇ 32 كۈچلۈك ئىچىگە كىرىشتە نۆۋىتى قۇرۇق بولغاچقا، بىۋاسىتە 16 كۈچلۈكنى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى رەقىبى 32 كۈچلۈك ئىچىگە كىرىش مۇسابىقىسىدە 0گە قارشى بەش نەتىجە بىلەن تايلاند ماھىرى ۋىلاپون چونچوخنى شاللىۋېتىپ، تېخىمۇ بالدۇر مۇسابىقىلىشىش ھالىتىگە كىرگەنىدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125