19 يېڭى كەسىپ، 28 يېڭى ئىش تۈرى ئۇچۇرى رەسمىي ئېلان قىلىندى
16:12:22 2024-07-31 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋى كەسىپلەرنى تۈرگە ئايرىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى ئېچىش ئۈچۈن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 2019- يىلى يېڭى كەسىپ ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنى تۈرگە ئايرىپ جانلىق تەڭشەشنى يولغا قويدى، شۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى بىر - ئىككى تۈركۈم يېڭى كەسىپ ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلدى. 

 2022- يىلى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەسىپلەرنى تۈرگە ئايرىش قامۇسى (2022- يىل نەشرى)»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ ئېلان قىلىندى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە يۈزلىنىشىنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىش ئۈچۈن، 2023- يىلى 10- ئايدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جەمئىيەتتىن يېڭى كەسىپ ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارا توپلىدى. ئالاقىدار ئاپپارات ۋە ئورۇنلارنىڭ ئىلتىماس قىلىپ تەكلىپ بېرىشى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالاپ دەلىللىشى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلاردىن يازما پىكىر ئېلىش قاتارلىق تەرتىپلەر ئارقىلىق، بۇ يىل 5- ئايدا پىكىر ئېلىش ئۈچۈن جەمئىيەتكە ئاشكارىلاندى. 

 يېقىندا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە پايدىلىنىش ئاساسىدا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە بىيولوگىيە قۇرۇلۇشى تېخنىكى قاتارلىق 19 يېڭى كەسىپ ۋە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى سېتىش دىرېكتورى قاتارلىق 28 يېڭى ئىش تۈرى ئۇچۇرىنى جەمئىيەتكە رەسمىي ئېلان قىلدى ھەمدە 11 كەسىپ (ئىش تۈرى) ئۇچۇرىنى تەڭشىدى ۋە ئۆزگەرتتى. 

 يېڭى كەسىپلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورۇنلىرىنى ئېچىش، كەسپىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش، كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 

 (مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى جاڭ چيەنچيەن، تاڭ لېي)

 پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125