تەر چىقىش زەھەر ھەيدىگەنلىك بولامدۇ؟ قارا تەرگە چۆمۈلۈش كېسەللىكنىڭ سىگنالىمۇ؟ مۇتەخەسسىسلەر تەرلەش توغرىسىدىكى خاتا قاراشلارنى چۈشەندۈردى
11:29:00 2024-08-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

تومۇز كىرگەندىن كېيىن، ھاۋا ئىسسىپ كېتىدۇ، ئىسسىقتىن قورقىدىغان نۇرغۇن كىشى سىرتقا چىقىپ ماڭسىلا قارا تەرگە چۆمۈپ كېتىدۇ. يېقىنقى مەزگىلدە، «تەر چىقىش بەدەندىكى زەھەرنى ھەيدەشكە ياردەم بېرىدۇ»، «كۆپ تەرلەش بەدەن ئاجىزلىقىدىن بولىدۇ» دېگەندەك مۇناسىۋەتلىك تېمىلار كۆپ قېتىم قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، يەنە نۇرغۇن تورداش «ھەر قانچە ھەرىكەت قىلساممۇ نېمە ئۈچۈن مەندىن نېمە ئۈچۈن تەر چىقمايدۇ؟» دېگەنگە كۆڭۈل بۆلدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، تەرنىڭ ئاساسلىق تەركىبى سۇ بولۇپ، كۆپ تەر چىقىش زەھەرنى ھەيدىگەنلىك ئەمەس، ياز پەسلىدە قاتتىق تەرلىگەندىن كېيىن يەنە ۋاقتىدا سۇ ۋە ئېلېكتىرولىت تولۇقلاش كېرەك.

شەرقىي جەنۇب داشۆسى قارىمىقىدىكى جۇڭدا دوختۇرخانىسى كىلىنىكىلىق ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى جىن خۇي زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: تەر تەركىبىنىڭ %90تىن كۆپرەكى سۇ، ئۇنىڭدىن قالسا، ناترىي، كالىي، ماگنىي ئىيونى دېگەندەك ئېلېكتىرولىتلار، پەقەت ئاز مىقداردىكى ئورىيا تەر بىلەن بىللە چىقىپ كېتىدۇ، «تەرلەشنى زەھەرنى چىقىرىش بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇش خاتا قاراش، ئادەم بەدىنى، ئاساسلىقى، سۈيدۈك ئارقىلىق زەھەرنى چىقىرىدۇ، تەر بولسا پەقەت ئاز مىقداردىكى مېتابولىزم ھاسىلاتلىرىنى چىقىرىدۇ».

تۇرمۇشتا، بىز دائىم بەزىلەرنىڭ تاماق يېگەندە قارا تەرگە چۆمۈلۈپ كېتىدىغانلىقىنى، لېكىن بەزىلەرنىڭ قاتتىق ھەرىكەت قىلسىمۇ ئازراقلا تەرلەيدىغانلىقىنى ئۇچرىتىمىز. كۆپ تەرلەش كۆپ خىل ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا، قاتتىق ھەرىكەت قىلغاندا، تېرىدىكى تەر تۆشۈكچىلىرى كېڭىيىپ، تەر تەبىئىي ھالدا كۆپىيىدۇ. «بۇنىڭدىن باشقا، ئىرسىيەت، ياش، جىنس قاتارلىقلار بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ تەر بېزىنىڭ تەرەققىي قىلىش دەرىجىسى ۋە تەر سۇيۇقلۇقىنىڭ ھاسىل بولۇش سۈرئىتى ئوخشاش بولمايدۇ». جىن خۇي مۇنداق دېدى: «ئادەتتە ئەرلەر ئاياللارغا قارىغاندا ئاسان تەرلەيدۇ، بالىلار ۋە كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى كىشىلەر تېخىمۇ كۆپ تەرلەيدۇ».

بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تەر ئاز چىقىشىدىن ئەندىشە قىلىش مەسىلىسىگە قارىتا، ئادەتتە تەر ئاز چىققاندا زىيادە ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئادەم بەدىنى تەر سۇيۇقلۇقىدىن باشقا، يەنە سۈيدۈك، نەپەسلىنىش، شۆلگەي ۋە چوڭ تەرەت قاتارلىق يوللار ئارقىلىق مېتابولىزم ھاسىلاتلىرىنى چىقىرىپ تاشلايدۇ، «ئەگەر ھەر قانچە ھەرىكەت قىلىپمۇ تەر چىقمىسا، كۆپچىلىكنىڭ ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، كېسەللىك ئامىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان تەرلىمەسلىك كېسىلىنىڭ بار- يوقلۇقىنى تەكشۈريۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن». ئۇنىڭدىن باشقا، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، كۆپ تەرلەشمۇ ئوخشاشلا كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

قالقانسىمان بەز كېسەللىكى، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، روھىي كېسەللىكلەر، رېماتىزم سىستېمىسى كېسەللىكلىرى ھەم بالىلاردىكى راخىت كېسىلى قاتارلىقلار كۆپ تەرلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. «بۇنىڭدىن باشقا، يەنە دورا ئىشلىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، بەزى ئاغرىقلار ئىنسۇلىن ئىشلەتكەن ياكى بەزى قان شېكىرىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى ئىچكەندىن كېيىن يۈرەك سېلىش، قول تىترەش قاتارلىق قان شېكىرى تۆۋەنلەش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، يەنە كۆپ تەرلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ». جىن خۇي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۆپ تەرلەش پەقەت كىلىنىكىلىق ئىپادىلەرنىڭ بىرى، كونكرېت يەنە باشقا كىلىنىكىلىق ئىپادىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كېسەللىك ياكى دورا ئامىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان- چىقارمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش كېرەك. «كۆپچىلىك ئەگەر كۆپ تەرلەشنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ياكى پاتولوگىيەلىك ئامىللاردىن كېلىپ چىققانلىقىغا ھۆكۈم قىلالمىسا، مۇتەخەسسىسلەردىن مەسلىھەت سوراپ، كېسەلگە قاراپ بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ».

ئۇنىڭدىن باشقا، ياز پەسلىدە كۆپ مىقداردا تەر چىققاندىن كېيىن، ۋاقتىدا سۇ ۋە ئېلېكتىرولىت تولۇقلاپ، ئېلېكتىرولىت قالايمىقانلىشىش، يۈرەك رىتىمسىزلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. «ئاددىي تولۇقلاش ئۇسۇلى − ئىلمان سۇغا شېكەر، تۇز ياكى مېۋە شەربىتى قوشۇشتىن ئىبارەت، تاللا بازارلاردىكى ئېلېكتىرولىت ئىچىملىكلەرنى ھەرىكەتتىن كېيىن تولۇقلاشقا بولىدۇ، لېكىن ئادەتتە كۆپ ئىچىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ». مۇتەخەسسىسلەر شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ھەرىكەت قىلىپ قاتتىق تەرلىگەندىن كېيىن، سوغۇق سۇ ئىچىشكە ياكى سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا ئاشقازان- ئۈچەي ۋە قان تومۇرلارنى غىدىقلاپ، ئاشقازان تارتىشىپ قېلىشنى ۋە يۈرەك- مېڭە قان تومۇر قاتارلىقلاردا مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125