ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يەن شياۋتيەن) كەڭ كەتكەن چىملىقتا چېپىپ يۈرۈپ، ئۇچقاندەك يۈگۈرۈشۈپ، قايناق ھېسسىيات بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، پۈتۈن كارامىتىنى كۆرسىتىشتى. 7- ئاينىڭ 30- كۈنى، 2024 دۇڭرۈن لوڭقىسى . شىنجاڭ ياش- ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە باشلاندى. ئاپتونوم رايون بويىچە 12 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)دىن كەلگەن 16 ياش- ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسىدىكى جەمئىي 200دىن ئارتۇق توپچى ئۈرۈمچىگە يىغىلىپ ئوخشاش سەھنىدە مۇسابىقىلەشتى.
7- ئاينىڭ 30- كۈنى، 2024 دۇڭرۇن لوڭقىسى . شىنجاڭ ياش- ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى باشلاندى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يەن شياۋتيەن فوتوسى
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى دۇڭرۈن ئاممىۋى پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ ياش- ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ياش- ئۆسمۈرنىڭ پۇتبول ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى، ھەمدە تەنتەربىيە ھەرىكىتى داۋامىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلغان.
مۇسابىقە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوغۇللار گۇرۇپپىسى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوغۇللار گۇرۇپپىسى، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوغۇللار گۇرۇپپىسىغا بۆلۈندى، مۇسابىقە تۈزۈمى باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ گۇرۇپپىسى بەش كىشىلىك پۇتبول مۇسابىقىسى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ گۇرۇپپىسى 11 كىشىلىك پۇتبول مۇسابىقىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، يەككە ئايلانما مۇسابىقە ئويناپ نومۇر جەملەش تۈزۈمى ئارقىلىق رەت تەرتىپى بەلگىلىنىدۇ.
توپچىلار چىملىقتا تەر تۆكۈپ پۈتۈن كۈچى بىلەن يۈگۈرمەكتە. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يەن شياۋتيەن فوتوسى
ئىگىلىنىشىچە، 2024 دۇڭرۇن لوڭقىسى . شىنجاڭ ياش- ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شىنجاڭ ياش- ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى مۇسابىقە نەتىجىسى ۋە كوماندىنىڭ ئىپادىسىگە ئاساسەن، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە كەسپىدىكى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلىرىنى بۇ مەكتەپلەرگە مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئەۋەتىپ، ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ تەنتەربىيە ئارقىلىق ئۆسۈپ يېتىلىپ، تەنھەرىكەت ئارقىلىق خۇشاللىق تېپىشىغا ياردەم بېرىدىكەن.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)