يېقىندا، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى بىلەن بىرلىشىپ «كەنت داۋالاش ئۆيلىرىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا بېكىتىلگەن نۇقتىلار قاتارىغا كىرگۈزۈپ باشقۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، ھەرقايسى جايلاردىن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كەنت داۋالاش ئۆيلىرىنى 2024- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا بېكىتىلگەن نۇقتىلار قاتارىغا كىرگۈزۈپ باشقۇرۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمىتىنى «ھەممە كەنتكە تۇتاشتۇرۇش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك داۋالىنىش كاپالىتى، سەھىيە- ساغلاملىق تارماقلىرى خىزمەت ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا ئاساسەن قاراتمىلىقى بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك.
يېزا- كەنت سەھىيە مۇلازىمىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان رايونلاردا، داۋالىنىش كاپالىتى تارماقلىرى يېزا- بازارلىق دوختۇرخانا ئارقىلىق كەنت داۋالاش ئۆيىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خىراجىتىنى راسچوت قىلىدۇ. سەھىيە- ساغلاملىق تارماقلىرىنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئۆلكە بويىچە بىرلىككە كەلگەن كەنت داۋالاش ئۆيى ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك داۋالىنىش كاپالىتى تارماقلىرى بىلەن سەھىيە- ساغلاملىق تارماقلىرى «باش ئورگان بىلەن باش ئورگان» ئۇلىنىش ئۇسۇلى ئارقىلىق كەنت داۋالاش ئۆيىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ بېكىتىلگەن نۇقتىلىرىغا تۈركۈملەپ كىرگۈزۈپ باشقۇرىدۇ.
يېزا- كەنت سەھىيە مۇلازىمىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىۋاتقان رايونلاردا، كەنت داۋالاش ئۆيى مۇناسىپ يېزا- بازارلىق دوختۇرخانىلار بىلەن ۋاقىتلىق باشقۇرۇش مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ، يېزا- بازارلىق دوختۇرخانىلار ۋاكالىتەن راسچوت قىلىپ بېرىدۇ.
قىسقا مۇددەت ئىچىدە يېزا- كەنت سەھىيە مۇلازىمىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ھازىرلىيالمىغان رايونلاردا، سەھىيە- ساغلاملىق تارماقلىرى كەنت داۋالاش ئۆيلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا بېكىتىلگەن نۇقتىلار قاتارىغا كىرىشنى مەركەزلىك ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى بىر تۇتاش تەشكىللەيدۇ. داۋالىنىش كاپالىتى تارماقلىرى ئىلتىماس قىلىش شەرتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئىلتىماس قىلىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرىدۇ ھەمدە زۆرۈر بولغان ئىلتىماس قىلىش قوللانمىسى ۋە مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، كەنت داۋالاش ئۆيىنىڭ بېكىتىلگەن نۇقتا بولۇشنى ئىلتىماس قىلىش جەريانىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
سەھىيە- ساغلاملىق تارماقلىرى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا بېكىتىلگەن نۇقتىلار قاتارىغا كىرگۈزۈپ باشقۇرۇلغان كەنت داۋالاش ئۆيى ۋە يېزا- بازارلىق دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرىش ئاپپاراتلىرى كېلىشىم بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كېلىشىمدىكى پۈتۈشكىنى بويىچە قاتتىق ئادا قىلىپ، راسچوت قىلىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ.
كەنت داۋالاش ئۆيلىرىنىڭ ئاساسىي دورا ئىشلىتىش سىياسىتى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، كەنت داۋالاش ئۆيلىرىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى ۋە يېزىلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان، كۆپ قوزغىلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئاساسىي دورا مۇندەرىجىسىدىكى دورا تۈرلىرىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، يېزا- بازارلىق دوختۇرخانىلارنىڭ دورا ئىشلىتىشى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ بىرلىككە كەلتۈرىدۇ. كەنت داۋالاش ئۆيلىرىنىڭ مەركەزلىك سېتىۋېلىشتا تاللانغان دورىلارنى ئەلالاشتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىپ، يېزا ئاھالىلىرى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك، قولايلىق، ئەرزان داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىدۇ.
(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى لۇڭ شياۋچىن)
پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)