پاختىچىلىق رايونلىرىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئىسسىق ئاپىتىنىڭ نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 8- ئاينىڭ باشلىرىدا پۈتۈن شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم تۈزلەڭلىك رايونلىرىدا يەنىلا 35 سېلسىيە گىرادۇستىن 37 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، 8- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 4- كۈنىگىچە تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى، شەرقىي شىنجاڭ قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئەڭ يۇقىرى ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 38 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولىدىكەن، تۇرپان شەھىرى، قۇمۇل شەھىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 8- ئايدا شىنجاڭدا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن يۇقىرى ياكى ئالاھىدە يۇقىرى بولىدىكەن، كۆپ قىسىم رايوندا ھۆل- يېغىن مىقدارى ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن ئاز ياكى ئالاھىدە ئاز بولىدىكەن.
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 8- ئاينىڭ باشلىرىدا سىجىل داۋاملىشىدىغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىكى كېۋەز غوزىسىنىڭ يېتىلىشى، ئەتىيازلىق كۆممىقوناقنىڭ دان تۇتۇشى ھەم چىلان، نەشپۈت قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىسىز بولىدىكەن.
2024- يىلى 8- ئايدا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئارىلىق تەكشىلىكى مۆلچەرى (بىرلىكى: ℃). مەنبەسى: شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە مەركىزى
كەلگۈسى 10 كۈنلۈك 5 × 5KM كاتەكچە نۇقتىسىدىكى ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات، پۈتۈن شىنجاڭدا كېۋەزنىڭ يېتىلىش جەريانى ھەم كېۋەزنىڭ چېچەكلەش مەزگىلىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئىسسىقلىق ئاپىتىنىڭ دەرىجە كۆرسەتكۈچىگە ئاساسەن، 8- ئاينىڭ 1- كۈنى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم پاختىچىلىق رايونلىرى يۇقىرى خەۋپ- خەتەر رايونى، 8- ئاينىڭ 2- كۈنىدىن 4- كۈنىگىچە تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى پاختىچىلىق رايونلىرىنىڭ يۇقىرى خەۋپ- خەتەر رايونى بولىدىغانلىقى، 8- ئاينىڭ باشلىرىدىكى باشقا ۋاقىت بۆلەكلىرىدە شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم پاختىچىلىق رايونلىرى تۆۋەن خەۋپ- خەتەر رايونى بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.
8- ئاينىڭ 1- كۈنى كېۋەزنىڭ غوزا تۇتۇش مەزگىلىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئىسسىق ئاپىتىنىڭ خەۋپ- خەتەر دەرىجىسى ئالدىن مەلۇمات خەرىتىسى.
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى:
1. ھەر قايسى پاختىچىلىق رايونلىرىدا ئېتىز پەرۋىشىنى كۈچەيتىش، سۇغىرىش مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇپ، ئاز مىقداردا تېز تېمىتىپ سۇغىرىپ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئىسسىق ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش؛ باراقسانلاپ كەتكەن كېۋەزنىڭ ئۆسۈشىنى دەل ۋاقتىدا تىزگىنلەش، كېۋەزلىكنىڭ شامال ئۆتۈشۈشى ۋە يورۇقلۇق ئۆتكۈزۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يوپۇرماق ئاستىدىكى ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئىسسىق ئاپىتىنىڭ تەسىرىنى يېنىكلىتىش كېرەك.
2. تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئەتىيازلىق كۆممىقوناق تېرىش رايونىدا سۇغىرىش، خىمىيەلىك تەڭشەش دورىسى چېچىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ كۆممىقوناقنىڭ دان تۇتۇپ سۈتلىنىشىگە كۆرسىتىدىغان پايدىسىز تەسىرىنى يېنىكلىتىش كېرەك.
3. سىجىل داۋاملاشقان يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئاسانلا چىلان، نەشپۈت قاتارلىق مېۋىلەردە «ئاپتاپتا كۆيۈش» ئەھۋالىنى پەيدا قىلىدۇ، باغ- ئورمان ئۆستۈرۈش رايونىدا مېۋىلىك باغلارنى سۇغىرىش، مېۋىلىك دەرەخلەرگە سۇ پۈركۈش ھەم يوپۇرماق ئوغۇتى پۈركۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ باغ- ئورماننىڭ ئۆسۈشىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى ئۇنى يېنىكلىتىش كېرەك.
4. يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق، جايلار كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيانداشلىقىنى كۆزىتىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)