7- ئاي كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ گۇڭئەن ئورگانلىرى توردىكى پىتنە- ئىغۋالارغا زەربە بېرىش، تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ياز پەسىللىك ئامانلىق ساقلاش بويىچە زەربە بېرىش، تۈزەش ھەرىكىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېقىنقى مەزگىلدىكى توردىكى پىتنە- ئىغۋا توقۇش، پىتنە- ئىغۋا تارقىتىشقا ئالاقىدار گەۋدىلىك، قىزىق ئىشلارغا چىڭ قادىلىپ، توردىكى پىتنە- ئىغۋالارغا ئالاقىدار قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، تور بوشلۇقى تەرتىپىنى ھەقىقىي قوغدىدى. نۆۋەتتە، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان ئىككى تىپىك دېلو مىسالى ئېلان قىلىندى.
1. قەشقەردىكى تورداش چى xx تور سۇپىسىدا «قەشقەر يېڭىدىن مىترو ياسايدۇ» دېگەن پىتنە- ئىغۋا ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ تارقىتىپ، تورداشلارنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغاپ، جەمئىيەت تەرتىپى ۋە تور بوشلۇقى تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغان. بۇنىڭغا قارىتا، تاراتقۇلار دەل ۋاقتىدا رەددىيە بېرىش باياناتىنى ئېلان قىلغان، گۇڭئەن ئورگىنى بىرىنچى ۋاقىتتا تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 7- ئاينىڭ 21- كۈنى كېچىدە، تورداش چى xxنىڭ ھاراق ئىچىپ بولۇپ يولدا كېتىۋېتىپ، بىر يول ئېغىزىدىكى قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان جاينى سىنغا ئالغانلىقى ھەم «مىترو بېكەت ياسىلىۋاتىدۇ» دېگەن پىتنە- ئىغۋا ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە، قەشقەر گۇڭئەن ئورگىنى قانۇن بويىچە چى xxكە تەنقىد- تەربىيە بەردى ھەم قانۇننى چۈشەندۈرۈپ تەشۋىقات ئىشلىدى.
2. شىزاڭدىكى تورداش جاڭ xx تور سۇپىسىدا «شىنجاڭ قەشقەردە يەر تەۋرىدى» دېگەن پىتنە- ئىغۋا ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقارغان ھەم ئىمارەت ئۆرۈلگەن سىن، سۈرەت، يەر تەۋرىگەن جاينىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىنىڭ كەسمە سۈرىتى ۋە يەر تەۋرەش ئەھۋالىغا ئالاقىدار يالغان يېزىق مەزمۇننى قوشۇپ تارقاتقان. شىزاڭ گۇڭئەن ئورگىنى بىلەن بىرلىشىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جاڭxx نىڭ تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش، چېكىلىش سانىنى كۆپەيتىش مەقسىتىدە، «قەشقەر ۋىلايىتىدە 6.3 بال يەر تەۋرىدى» دېگەن پىتنە- ئىغۋا ئۇچۇرىنى يامان غەرەزدە ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە، شىزاڭ چاڭدۇ گۇڭئەن ئورگىنى قانۇن بويىچە جاڭ xxكە مەمۇرىي جازا بەردى.