ھىندونېزىيە مۇھەممەدىيە ئىتتىپاقى ئېكسكۇرسىيە- زىيارەت ئۆمىكى شىنجاڭدا زىيارەتتە بولدى −
شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئىناق بىللە ئۆتۈپ، گۈللىنىپ تەرەققىي قىپتۇ
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سى لۇلۇ
تومۇز ئىسسىق 7- ئايدا، شىنجاڭدا بارلىق شەيئىلەر ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇپ، كۆپكۆك ئاسمان سۈپسۈزۈك ئىدى. 7- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 8- كۈنىگىچە، ھىندونېزىيەدىكى ئاساسلىق ئىسلام دىنى تەشكىلاتى − مۇھەممەدىيە تەشكىلاتى (قىسقارتىلىپ «مۇھەممەدىيە ئىتتىپاقى» دېيىلىدۇ) ئېكسكۇرسىيە- زىيارەت ئۆمىكىدىكى 12 كىشى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتىگە كېلىپ زىيارەتتە بولدى، ئۇلار مۇزېي، مەسچىتلەرگە كىرىپ، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى، كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر مىللەت ئاھالىلەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى، مەدەنىيىتىنىڭ گۈللەنگەنلىكىنى، دىنلارنىڭ ئىناقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى، شىنجاڭ خەلقى خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەۋاتقان ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەندى.
«كىمخاب توقۇشقا ئاق، كۆك، قارا، قىزىل، سېرىق قاتارلىق بەش خىل رەڭلىك يىپەك يىپ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، <بەش يۇلتۇز> قۇت سۆزى ۋە يۇلتۇز نەقىشىگە ماس كەلتۈرۈپ لايىھەلەنگەن...» 7- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئېكسكۇرسىيە- زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيغا كېلىپ، چۈشەندۈرگۈچىگە ئەگىشىپ خاس ساقلانما بۇيۇملاردىن ھۇزۇرلاندى، تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى مەنبەدىن سۈرۈشتۈرۈش، يىلتىزىدىن ئىزدەش ئارقىلىق، تارىخىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش تومۇرىنى ھېس قىلدى.
شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزىدە، ئېكسكۇرسىيە- زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېما كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، سۈرەت، سىن ۋە ئەمەلىي بۇيۇملار كۆرگەزمىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق، تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا ئېلىپ كەلگەن خەۋپىنى چۈشەندى.
«بۇ قېتىمقى زىيارەت مېنى جۇڭگو شىنجاڭغا نىسبەتەن تېخىمۇ ئەتراپلىق تونۇشقا ئىگە قىلدى، بولۇپمۇ ئىسلام دىنى خادىملىرىنى تەربىيەلەش ۋە ئىسلام دىنىغا ساغلام ۋارىسلىق قىلىشنى تولۇق قوللاپتۇ ۋە كاپالەتلەندۈرۈپتۇ، بۇ مېنىڭ ئىلگىرى بەزى چەت ئەل تاراتقۇلىرىدىن ئىگىلىگەنلىرىمگە ئوخشىمايدىكەن.» ئېكسكۇرسىيە- زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، مۇھەممەدىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئاگۇس تاۋفىيگولومان مۇنداق بىلدۈردى: بەزى چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىگە تەنقىدىي مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك، مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا، شىنجاڭنىڭ تېز تەرەققىياتىغا گۇۋاھچى بولالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.
چىرايلىق دوپپىلارنى كىيىپ بېقىش، نەپىس مىس بۇيۇملارنى تۇتۇپ كۆرۈش، ئالاھىدە دورىلىق چايلارنى تېتىپ بېقىش... 7- ئاينىڭ 7- كۈنى، ئېكسكۇرسىيە- زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە كىرىپ، ئاۋات پىيادىلەر يولىدا سەيلە قىلىپ، قەدىمىي شەھەرنىڭ ئۆزگىچە ئىمارەتلىرىنى تاماشا قىلدى، مىغ- مىغ ئادەم ئېقىمىغا ئەگىشىپ، خەلق ئۆرپ- ئادىتى ۋە قويۇق شاد- خۇراملىققا تولغان كەيپىياتنى ھېس قىلدى.
«قەشقەردە، بىز بىر شەھەرنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنىنى كۆردۇق، شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قوغداش خاراكتېرلىك ئاچقانلىقىنى كۆردۇق، يەنە شىنجاڭنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كۆردۇق» دېدى مۇھەممەدىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى مۇھەممەد ئىزۇل مۇسلىمىن.
قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى مىللىي چالغۇلار كەنتى 150 يىلدىن ئارتۇق چالغۇ ياساش تارىخىغا ئىگە، ئىشلەپچىقارغان ۋە ياسىغان چالغۇلار 27 چوڭ تۈرگە، 50 نەچچە خىلغا يېتىدىغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى بارلىق ئەنئەنىۋى مىللىي چالغۇلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 7- ئاينىڭ 8- كۈنى، ئېكسكۇرسىيە- زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى چالغۇ ياساش دۇكىنىغا كىرىپلا، دومبىرا، غىجەك، راۋاب قاتارلىق مىللىي چالغۇلارغا مەپتۇن بولۇپ، چالغۇلارنى ياساش جەريانىنى زور قىزىقىش بىلەن كۆردى، ھۈنەرۋەنلەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. سازلارنى چېلىپ كۆرسىتىش ھالقىسىدا، ئېكسكۇرسىيە- زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ ئۇسسۇلغا چۈشتى.
شىنجاڭ جياڭلەيمېي يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە، ئېكسكۇرسىيە- زىيارەت ئۆمىكى شۇ جايدىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، «شىنجاڭ تەمى»گە ئېغىز تەگدى؛ قەشقەر تېخنىك شۆيۈەنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇش ئەمەلىي مەشىق بازىسىدا، ئۇلار شۆيۈەننىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قاراتقان مۇكەممەل تەربىيەلەش لايىھەسى، مەكتەپكە كىرىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئېتىبار بېرىش سىياسىتى قاتارلىقلارنى ئىگىلىدى. «ھىندونېزىيەمۇ كۆپ مىللەتلىك دۆلەت. جۇڭگو شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغانلىقى ھىندونېزىيەنى ئۆگىنىش ئۈلگىسى بىلەن تەمىنلىدى» دېدى ئېكسكۇرسىيە- زىيارەت ئۆمىكىنىڭ بىر ئەزاسى.