ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 7- ئاينىڭ 31- كۈنى، قاراماي رايونلۇق گۇڭئەن شۆبە ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، قاراماي شەھەر رايونىدىكى ئادەم زىچ سورۇنلارنىڭ ئەتراپىدىكى يول بۆلىكىدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ سۈرئىتىنى چەكلەش بەلگىسىنى ئەسلىدىكى 60km/hدىن 40km/hگىچە تەڭشىدى.
سۈرئەت چەكلىنىدىغان يول بۆلەكلىرى: بەخت يولى (غالىبىيەت يولى- بەخت يولى)، نەنشىن يولى (يىڭبىن يولى- بىشۇي يولى)، تارىم دەرياسى يولى (تىيانشان تېغى يولى- مەدەنىيەت يولى)، نېفىت قۇرۇلۇشى يولى (تاشەن يولى- يىنخې يولى)، تاشەن يولى (نېفىت قۇرۇلۇشى يولى- تارىم دەرياسى يولى)، جىشياڭ يولى (غالىبىيەت يولى- رۇيى يولى)دا سۈرئەت چەكلەش قىممىتى 40km/h.
قاتناش ساقچىلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، كەڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىنىڭ قەتئىي ھالدا شەھەر رايونىدىكى سۈرئەت چەكلەش بەلگىسىدە كۆرسىتىلگەن سۈرئەت بويىچە يۈرۈشىنى، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ يۈرۈش، قانۇنغا خىلاپ يول ئۆزگەرتىشنى قەتئىي چەكلەپ، پىيادىلەر توغرا يولى ھەم مەكتەپ ئەتراپىدىكى يوللاردىن ئۆتكەندە سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، پىيادىلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن يول بېرىپ، ئاڭلىق ھالدا قانۇن- نىزاملارغا رىئايە قىلىپ، مەدەنىي، بىخەتەر يول يۈرۈشىنى سورايمىز.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)