ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى سەھىپە پۈتىمىز
10:29:34 2024-08-01 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

 يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزۈپ، ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىغا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ تەرەققىياتنى كۆزلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ يېڭى سەھىپە پۈتىمىز.

 ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئىسلاھات ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىپ يول ئاچتى

 7- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئەزالىرى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىپ يول ئېچىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئېچىۋېتىش، يۇغۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ، نېفىت كارخانىلىرى بىلەن يەرلىكنىڭ، جېجياڭ بىلەن ئاقسۇدىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ، ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلار بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن كۈچ توپلاش، كۈچ قوشۇش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىزچىل تۈردە خەلقنى بېيىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلققە قولايلىق يارىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.

 ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ خۇڭجەن مۇنداق بىلدۈردى: پۈتۈن ۋىلايەتتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، روھىي ماھىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك تولۇق ئىگىلەپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئىگىلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئۇلۇغۋار نىشانغا مۇجەسسەملەپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى، يېڭى سەھىپە پۈتۈشى كېرەك.

 سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغىدى

 7- ئاينىڭ 19- كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى، سانجى ئوبلاستىنىڭ يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن ئوبلاستتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى بويىچە ئۈلگىلىك ۋىلايەت، ئوبلاست قۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچ ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاش كېرەك. پۈتۈن ئوبلاستتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئىلمىي پىلانلاپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرى مەخسۇس ئۆگىنىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ئاساسلىق كۇرسلارنى سىستېمىلىق ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا يۈزلەنگەن كۆپ خىل شەكىلدىكى، كۆپ قاتلاملىق، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش ۋە تەربىيەلەشنى ياخشى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات تارماقلىرى ۋە تۈرلۈك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئوبيېكتلاشقان، قاتلاملىق، ھەمتۈرتكىلەشكەن لېكسىيە سۆزلەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 75 تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىسى ۋە 70 نۇقتىلىق تۈرنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، تۈر ئارقىلىق مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، سودىگەر چاقىرىش ئارقىلىق باج مەنبەسىنى كېڭەيتىش، كەسىپ ئارقىلىق سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشنى تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، پۈتۈن يىللىق نىشان- ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 قاراماي شەھىرى: ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى پىلانلىدى

 7- ئاينىڭ 19- كۈنى، قاراماي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئومۇمىي يىغىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى پىلانلىدى.

 «پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىسلاھاتنى ئاداققىچە ئېلىپ بېرىشتىكى قەتئىي ئىرادە ۋە تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق نامايان قىلىندى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان كۆتۈرەڭگۈ روھنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، تىرىشىپ ئىسلاھاتنى ھەرىكەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن، ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەردىن بولۇپ، پۇختا نەتىجىلەرنى يارىتىش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش كېرەك.» قاراماي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شى گاڭ مۇنداق بىلدۈردى: پۈتۈن شەھەردىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا يىغىننىڭ روھىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىسلاھات ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ قاراماي ئەمەلىيىتىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئاڭلىق ھالدا ئىسلاھاتنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، نېفىت، نېفىت خىمىيە ئەۋزەل كەسىپلىرىدە ئاساسنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ۋە تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، قاراماي خاسلىقىغا ئىگە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش بۇرچ، مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىشى كېرەك.

 قومۇل شەھىرى: ئۇلۇغۋار پىلان ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى

 7- ئاينىڭ 19- كۈنى، قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى، پۈتۈن شەھەرنىڭ ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. پۈتۈن شەھەردىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش تېمىسى، مۇھىم پىرىنسىپى، مۇھىم تەدبىرلىرى، تۈپ كاپالىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قومۇلنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان يېڭى قومۇل قۇرۇپ چىقىش، شىنجاڭ بويىچە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى باشلامچىلىق بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

 (مۇخبىر جاڭ جىلى، قاتناشقان مۇخبىرلار گې يوۋجۈن، ۋېي يۇڭگۇي، چېن جياڭلىن)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125