دۆلىتىمىزدە توكلىغۇچ ئومۇمىي مىقدارى 10 مىليون 244 مىڭ دانىگە يەتتى
18:18:43 2024-08-01 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 31- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر دەي شياۋخې) دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى 7- ئاينىڭ 31- كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئالدىنقى يېرىم يىللىق توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. بۇ يىل 6- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە توكلىغۇچ ئومۇمىي مىقدارى 10 مىليون 244 مىڭ دانىگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %54 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاممىۋى توكلىغۇچ 3 مىليون 122 مىڭ دانە، شەخسىي توكلىغۇچ 7 مىليون 122 مىڭ دانە بولۇپ، ئاممىۋى توكلىغۇچنىڭ بەلگىلەنگەن ئومۇمىي قۇۋۋىتى 110 مىليون كىلوۋاتتىن ئېشىپ، 24 مىليون يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ توك قاچىلاش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىندى.

دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى ئۇنىۋېرسال مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى جاڭ شىڭ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەملىكەت بويىچە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ توك قاچىلاش مىقدارى تەخمىنەن 51 مىليارد 300 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40 ئاشتى. بۇ يىل «1- ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردىكى كۈنلۈك توك قاچىلاش مىقدارىدا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئۇزۇن يوللۇق سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك قاندۇرىدىغان شەھەرلەر ئارا توك قاچىلاش تورى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى توك قاچىلاش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى داۋاملىق زىچلاشتۇردى، ھازىرغا قەدەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇلازىمەت رايونى (ئاپتوموبىل توختىتىش رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا جەمئىي 27 مىڭ 200 توكلىغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەممە ئۆلكىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلىدى.

دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى قىسمەن ناھىيە، يېزا رايونلىرىنى توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش، قوللىنىش، ئومۇملاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى، مەملىكەت بويىچە ئۈچتىن بىر قىسىمدىن ئارتۇق ئۆلكە توك قاچىلاش ئەسلىھەلىرىنى بارلىق يېزا- بازارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ يېزىلارغا كىرىشىگە كۈچلۈك تىرەك بولدى.

كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى يۇقىرى سۈپەتلىك توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، قاتناش- تىرانسپورتنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىگە ۋە زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125