ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى تور بېكىتىدە «2024- يىللىق مەملىكەتلىك ساياھەت يېتەكچىسى سالاھىيەت ئىمتىھانىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ئېلان قىلىندى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2024- يىللىق مەملىكەتلىك ساياھەت يېتەكچىسى سالاھىيەت ئىمتىھانىنى 11- ئاينىڭ 23- كۈنى (شەنبە) ئېلىش بېكىتىلدى. 2024- يىلى 7- ئاينىڭ 31- كۈنى سائەت 9:00دىن 9- ئاينىڭ 6- كۈنى سائەت 17:00گىچە، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر مەملىكەتلىك ساياھەت يېتەكچىسى سالاھىيەت ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش سىستېمىسى ئارقىلىق تىزىملىتىش ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرسا بولىدۇ. ئاپتونوم رايون بويىچە بەش ئىمتىھان نۇقتىسى تەسىس قىلىندى، ئۇلار ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى شەھىرى، غۇلجا شەھىرى، قەشقەر شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى، قاراماي شەھىرىدىن ئىبارەت، يازما ئىمتىھان ۋە نەق مەيدان ئىمتىھانى (يۈزتۇرا ئىمتىھان) ئېلىنىدۇ. قوشۇلغان ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار يۇقىرىقى بەش ئىمتىھان نۇقتىسىدا ئىمتىھانغا قاتناشسا بولىدۇ.
2025- يىلى 2- ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت 9:00دىن باشلاپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تور ئادرېسى ياكى «ۋېنلۈ ئاۋازى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى ئارقىلىق مەملىكەتلىك ساياھەت يېتەكچىسى سالاھىيەت ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش سىستېمىسىغا كىرىپ، ئىمتىھان نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)