يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسى ℃75قا يەتتى! شىنجاڭ يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونى كۆپ خىل ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش، سالقىنداش تەدبىرلىرىنى قوللاندى
18:18:29 2024-08-01 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 7- ئاينىڭ 30- كۈنى، شىنجاڭ تۇرپاندا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ھاۋا تېمپېراتۇرىسى كۆرۈلدى، يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونىغا 30 كىلومېتىر كېلىدىغان مېتېئورولوگىيە پونكىتىدا ئەڭ  يۇقىرى ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 49.2قا چىقتى. شۇ جايدىكى نۇرغۇن تارماق تەدبىر قوللىنىپ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىغا تاقابىل تۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. 

 شىنجاڭ تۇرپان يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونىدا ئىككى كۈندىن بۇيان يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى. مەنزىرە رايونىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ھاۋا تېمپراتۇرىسى 50قا يەتكەن. غايەت زور ئالتۇن توقماق شەكىللىك تېرمومېتىردا يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسى 75قا يەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. 

 يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونىدا، پىژغىرىم ئىسسىق ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى توسۇپ قالالمىدى، ئۇلار كۈن نۇرىدىن توسۇش قالپىقى، قارا كۆزئەينەك قاتارلىق مۇداپىئە جابدۇقلىرىنى كىيىپ ۋە تاقاپ، ئۆزگىچە ئوتتەك ئىسسىقنى ھېس قىلدى. مەنزىرە رايونىدىكى غايەت زور تېرمومېتىر، قۇمغا كۆمۈپ پىشۇرۇلغان تۇخۇم قاتارلىق تۈرلەر نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ بىر نەچچە كۈندە يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونى ھەر كۈنى 5000 ئەتراپىدا ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرىدا ساياھەت قىلىش تەسىراتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەنزىرە رايونى تۈرلۈك ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش، سالقىنداش تەدبىرلىرىنى قوللانغان

 شىنجاڭ تۇرپان يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونىنىڭ باش دىرېكتورى يەن چۇنيۈ مۇنداق دېدى: پىننە سۈيى، مۇز خالتىسى، سوغۇق لۆڭگە قاتارلىق ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، سالقىندىتىدىغان بۇيۇملارنى سەپلىدۇق. بىز ئەتراپتىكى داۋالاش تارماقلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇردۇق.

 پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى 

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125