ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خېي خۇڭۋېي) 7- ئاينىڭ 31- كۈنى، 24- نۆۋەتلىك شىنجاڭ خەلقئارا ئاپتوموبىل سانائىتى كۆرگەزمىسى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى، ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى 8- ئاينىڭ 4- كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.
بۇ نۆۋەتلىك ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىگە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى 60قا يېقىن داڭلىق ئاپتوموبىل ماركىسى توپلانغان بولۇپ، ئېلېكتىرلەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش ئالاھىدىلىكى نامايان قىلىندى. ھەر قايسى چوڭ ئاپتوموبىل ماركىلىرى بەس- بەستە نەق مەيداندا يېڭى مەھسۇلاتلارنى تونۇشتۇرۇپ، يېڭى تېخنىكىلارنى نامايان قىلدى، ئەڭ يېڭى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھەيدەش سىستېمىسى، ئادەم- كومپيۇتېر دىيالوگ سىستېمىسى قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن- تېخنىكا نەق مەيداندا تولۇق كۆرۈنۈشتە نامايان بولدى.
سۈرەتتە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى نەق مەيدانى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي فوتوسى
بۇ قېتىمقى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى يەنە ئاپتوموبىللارنىڭ «كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش» يېڭى سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى بولۇپ، ئېنىقكى، بۇ يىللىق ئاپتوموبىل بازىرىغا ئىشەنچ قوشتى. ئاپتوموبىل كارخانىلىرىمۇ بەس- بەستە ئاۋاز قوشۇپ، پۇل مۇئامىلە، ئالماشتۇرۇش، ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىشنى ئارقا- ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويدى، بىر قىسىم ماركىلار «ئالدىن ھېچقانداق پۇل تاپشۇرماسلىق»، «ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن ئۆسۈم» پۇل مۇئامىلە لايىھەسى، ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىگە خاس ئېتىبار باھا، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش چوڭ سوۋغات بولىقى، چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سۈرەتتە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى نەق مەيدانى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي فوتوسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)