ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چېن چياڭۋېي) مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايروپورتى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتى ئارقىلىق ئىمپورت- ئېكسپورت قىلىنغان يۈك مىقدارى 7515 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %216.1 ئاشقان. بۇ يىل، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى پۇرسىتىگە تايىنىپ، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتى ئارقىلىق ئىمپورت- ئېكسپورت قىلىنغان يۈك مىقدارىدا مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن.
6- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايروپورتىنىڭ تاموژنا خادىملىرى باجدىن خالىي ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇ مېيىنى قاچىلاش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرماقتا. ليۇ يىگې فوتوسى
ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنغان ماللاردىن، ئاساسلىقى، يېڭى كېسىلگەن گۈل- گىياھ، نازۇك ئەسۋابلار، كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار قاتارلىقلار بار، ئىمپورت قىلىنغان ماللار، ئاساسلىقى، كىيىم- كېچەك، ئاياغ، ئۆتۈك، مېۋە قاتارلىقلار بار ئىكەن.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)