S101 لىنىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى يول ئەھۋالى، بۇ يول بۆلىكىدە قاتناش ئەسلىگە كەلدى
17:43:23 2024-08-01 ئانار

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى «سانجى قاتناش ساقچىلىرى» دوۋيىن نومۇرىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا، 7- ئاينىڭ 31- كۈنى، ماناس ناھىيەسى تەۋەسىدىكى S101 لىنىيەسىنىڭ 152 كىلومېتىر قوشۇلغان 200 مېتىرلىق جايىدىكى بۇزۇلغان يول رېمونت قىلىنىپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، قاتناش شارائىتى ھازىرلانغان، شۇ كۈنى بۇ يول بۆلىكىدە قوش يۆنىلىشتە قاتناشقا چەك قويۇش بىكار قىلىنغان. 

 شۇ كۈنگە قەدەر، S101 لىنىيەسىنىڭ سانجى شەھىرى تەۋەسىدىكى، قۇتۇبى تەۋەسىدىكى بۆلەكلىرىدە يەنىلا قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان بولۇپ، قاتناشقا چەك قويۇشنى بىكار قىلىش ۋاقتى بېكىتىلمىگەن. 

سۈرەت  شىنجاڭ يول تورى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن ئېلىندى

 7- ئاينىڭ 19- كۈنى، S101 لىنىيەسىنىڭ 152 كىلومېتىر قوشۇلغان 200 مېتىرلىق جايى ئەتراپىدىكى يانتۇلۇقنى كەلكۈن جىراپ (يانتولۇق گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ) كەتكەچكە، بۇ يول بۆلىكىدە قوش يۆنىلىشتە قاتناشقا چەك قويۇلغان. 

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125