ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇڭ ۋېيگو) مۇخبىرنىڭ 7- ئاينىڭ 31- كۈنى ئېچىلغان 2024- يىللىق قاراماي مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2024- يىللىق قاراماي مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى 9- ئاينىڭ 16- كۈنى قارامايدا باشلىنىدىكەن، 7- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن باشلاپ تىزىملاتسا بولىدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ماھىر 10 مىڭغا يېتىدىكەن، مۇكاپات پۇلى ۋە مۇكاپات بۇيۇمىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 300 مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن.
7- ئاينىڭ 31- كۈنى، 2024- يىللىق قاراماي مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى قاراماي شەھىرىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جانات تولقىن فوتوسى
بۇ قېتىمقى مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنى قاراماي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدىكەن، مۇسابىقىدە ئەرلەر گۇرۇپپىسى، ئاياللار گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇپپا تەسىس قىلىنىدىكەن، تۈرلەر پۈتۈن مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى، يېرىم مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى، شادلىق يۈگۈرۈش تۈرى ھەم مۇسابىقە ئارىلىقىدىكى ئىككى مۇسابىقە تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، پۈتۈن مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى تۈرىنىڭ مۇسابىقە مۇساپىسى 42.195 كىلومېتىر، يېرىم مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى تۈرىنىڭ مۇسابىقە مۇساپىسى 21.0975 كىلومېتىر، شادلىق يۈگۈرۈش تۈرىنىڭ مۇسابىقە مۇساپىسى بەش كىلومېتىر ئىكەن.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)