خەلق تۇرمۇشىغا ئۇلاش | نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن مېيىپ ھەربىيلەرنىڭ داۋالىنىش تەمىناتى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈلدى
18:19:02 2024-08-01 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 رىياسەتچى: ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن خۇا

 زىيارەت قىلىنغان تەرەپ: ئاپتونوم رايونلۇق ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى نازارىتى ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش- نەپىقە بېرىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى لو شىڭجىن

 «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتىنى يولغا قويۇش چارىسى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن مېيىپ ھەربىيلەرنىڭ داۋالىنىش كاپالىتىنى يولغا قويۇش چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلىدۇ) يېقىندا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تەمىنات بىلەن تۆھپە ماس كېلىش، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق بىلەن ئېتىبار بېرىشتە جىپسىلىشىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن مېيىپ ھەربىيلەرنىڭ داۋالىنىش تەمىناتى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈلدى.

 نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن مېيىپ ھەربىيلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن قانداق بەھرىمەن بولىدۇ؟ داۋالىنىش ياردىمىنى قانداق ئىلتىماس قىلىدۇ؟ بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا، مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى نازارىتى ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش- نەپىقە بېرىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى لو شىڭجىن بىلەن ئالاقىلەشتى.

 سوئال: نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن مېيىپ ھەربىيلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قانداق قاتنىشىدۇ؟

 جاۋاب: نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرى تەۋەلىك پىرىنسىپى بويىچە مۇناسىپ ھالدا ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىقلارغا قاتنىشىپ، دۆلەتنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئىشقا ئورۇنلاشقان نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ، بەلگىلىمە بويىچە ھەق تاپشۇرىدۇ. ئىشقا ئورۇنلاشمىغان نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرى بەلگىلىمە بويىچە شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا بولىدۇ.

 1- دەرىجىلىكتىن 6- دەرىجىلىككىچە بولغان ئارمىيەدىن چېكىنگەن مېيىپ ھەربىيلەر تەۋەلىك پىرىنسىپى بويىچە ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىدۇ، 7- دەرىجىلىكتىن 10- دەرىجىلىككىچە بولغان ئارمىيەدىن چېكىنگەن مېيىپ ھەربىيلەر تەۋەلىك پىرىنسىپى بويىچە مۇناسىپ ھالدا ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، شەھەر-  يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىدۇ. ئارمىيەدىن چېكىنگەن مېيىپ ھەربىيلەرنىڭ باشقا شەكىلدىكى تولۇقلىما داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

 تۇرۇشلۇق ئورنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇشقا قۇربى يەتمىگەن ۋە خىزمەت ئورنى بولمىغان 1- دەرىجىلىكتىن 6- دەرىجىلىككىچە بولغان ئارمىيەدىن چېكىنگەن مېيىپ ھەربىيلەرنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش رەسمىيىتى بىرتۇتاش غەملىنىدىغان رايون ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى تارمىقى بىرلىكتە بېجىرىدۇ. ئىشقا ئورۇنلاشمىغان 7- دەرىجىلىكتىن 10- دەرىجىلىككىچە بولغان ئارمىيەدىن چېكىنگەن مېيىپ ھەربىيلەر بەلگىلىمە بويىچە شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا بولىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125