نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرى ۋە ئارمىيەدىن چېكىنگەن مېيىپ ھەربىيلەرنىڭ قايسىلىرى داۋالىنىش ياردىمىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ؟
18:18:53 2024-08-01 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 سوئال: نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرى ۋە ئارمىيەدىن چېكىنگەن مېيىپ ھەربىيلەرنىڭ قايسىلىرى داۋالىنىش ياردىمىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ؟ 

 جاۋاب: شەھەر- يېزا داۋالىنىش بويىچە قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىشتە سۇغۇرتىغا قاتنىشىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرىنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى داۋالىنىش كاپالىتى تارماقلىرى شەھەر- يېزا داۋالىنىش ياردىمى فوندى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان شەخسلەر ھەق تاپشۇرىدىغان قىسمىغا ياردەم بېرىدۇ. شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان شەخسلەر ھەق تاپشۇرۇشتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار باشقا نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرىنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ھۆكۈمەت مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇشىغا ياردەم بەرسە بولىدۇ.

 ئىشقا ئورۇنلاشمىغان 7- دەرىجىلىكتىن 10- دەرىجىلىككىچە بولغان ئارمىيەدىن چېكىنگەن مېيىپ ھەربىيلەردىن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش- بېقىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىرىنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى داۋالىنىش كاپالىتى تارمىقى داۋالىنىش ياردىمى فوندى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان شەخسلەر ھەق تاپشۇرىدىغان قىسمىغا ياردەم بېرىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125