61 ياشلىق پېشقەدەم ماھىر نى شياليەن تورداشلارنى تەسىرلەندۈردى
18:51:01 2024-08-01 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 بېيجىڭ ۋاقتى 7- ئاينىڭ 31- كۈنى چۈشتىن كېيىن، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تىكتاك توپ ئاياللار يەككە ئويناش بويىچە 32 كۈچلۈك مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ماھىرى سۇن يىڭشا 0گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن ليۇكسېمبۇرگنىڭ 61 ياشلىق پېشقەدەم ماھىرى نى شياليەننى يېڭىپ، ئاياللار يەككە ئويناش بويىچە 16 كۈچلۈك ئىچىگە كىردى. مۇسابىقىدىن كېيىن «نى شياليەن كۆز يېشى قىلدى» ۋېيبودا قىزىق ئىزدەلگەن تېمىلار قاتارىغا چىقتى، ئالاقىدار سىن كۆرۈنۈشىدىن نى شياليەننىڭ كۆزىگە ياش ئېلىپ، قولىنى پۇلاڭلاتقىنىچە مۇسابىقە كۆرۈۋاتقان تاماشىبىنلار بىلەن خوشلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى. بۇ كۆرۈنۈش نۇرغۇن جۇڭگولۇق تورداشنى تەسىرلەندۈردى.

سۈرەت: IC photo

 61 ياشلىق نى شياليەن بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى تىكتاك توپ تۈرىگە قاتناشقان يېشى ئەڭ چوڭ ماھىر. بۈگۈنكى دۇنيا تىكتاك توپ ساھەسىدىكى رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ئايال ماھىرلارنىڭ بىرى. نى شياليەن 1983- يىلى 37- نۆۋەتلىك دۇنيا تىكتاك توپ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسىغا ۋاكالىتەن كوللېكتىپ تۈردە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن، ھەمدە گو يۆخۇا بىلەن بىرلىكتە ئارىلاش جۈپ ئويناش تۈرىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ليۇكسېمبۇرگقا ۋاكالىتەن مۇسابىقە ئويناپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم ياۋروپا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئاياللار يەككە ئويناش تۈرىدە چېمپىيون بولغان.

 7- ئاينىڭ 31- كۈنى، نى شياليەن مۇسابىقىدە شاللىنىپ كەتكەندىن كېيىن، نۇرغۇن تورداش تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭ جەمئىيەت ئالاقە تاراتقۇسىغا سۆز قالدۇرغان، بەزى تورداشلار: «سىز ئالتۇن، كۈمۈش، مىس مېدالغا ئېرىشەلمىگەن بولسىڭىزمۇ، لېكىن سىزنىڭ روھىڭىز ئالماستەك چاقناپ تۇرىدۇ»، دېگەن. 

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125